شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

2020.05.27 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

  يىغىندا لى يۇڭ، خې لېي، ۋاڭ خەي، لى خوخۇي، سۈي يۈلىڭ، جۇڭ جىمىڭ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ليۇ گۇاڭبىن قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، يۇقۇم شارائىتىدا ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش، بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى ئارمىيەمىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى. خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت خەلق ئارمىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۇنيا ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئېلىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شارائىتىدا ھەربىي مەشىق قىلىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلمىي تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي جەڭ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئەمەلىي سىناق بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلاھاتقا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، يولدىن ئېغىپ كەتمەسلىك، سالماقنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئاشكارىلانغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئارمىيەمىزنىڭ تېببىي پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دورىلىرى ۋە ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قاتتىق يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى چىقىرىش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار سېپى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ