مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارغا جىنسىيەت تەربىيەسى قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى

بالىڭىزغا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە «ياق» دېيىشنى ئۆگىتىڭ

2020.05.21 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىتائەتچان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان خاراكتېرگە ئىگە بالىلار ئادەتتە تۇرمۇشتا ئەڭ ئاسان دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار بەلكىم بەختسىز ياكى ئەر-ئايال ئاجراشقان ئائىلىدىن كەلگەن بولۇشى، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان بالىلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ھەرىكەت ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىشى، جىمغۇرلىشىشى، تەشۋىشلىنىشى، مەلۇم بىر جاي ياكى مەلۇم بىر ئادەمگە قارشىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن، يەنە ئۇرۇشقاق ياكى ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشنى ئىپادىلىشى مۇمكىن، بەزى بالىلار سىرتقى ھەرىكەت ئىپادىلىمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بالىلارنىڭ «ئۆزىنىڭ يارىلانغان يېرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى تەس» بولۇپ، ئەگەر بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئۇياتلىق يېرى ياكى ھەرقانداق بەدەن قىسمىدا ئائىلە باشلىقى سەۋەبىنى بىلمىگەن جاراھەت ئىزى، بەدەن سۇيۇقلۇقى بار بولسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى، ئېغىر-يېنىكلىكىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، «بوزەك قىلىنىش»، «بىئارام بولۇش» قاتارلىق سۆزلەرنى توغرا ئىشلىتىپ ئىپادىلىيەلمەيدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ بەدەندىكى يارا ئىزى ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئىپادىسىنى ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىشى كېرەك. بۇ ئۆزگىرىشلەر جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقتىن كەلگەن بولۇشى ناتايىن، لېكىن خورلىنىشتىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، «N نومۇرلۇق ئۆي» ۋەقەسىدە ئەڭ كىچىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاران بىر ياش بولۇپ، ئەسكى ئادەملەر ئەزەلدىن بالىلارنى يېشى كىچىك دەپ رەھىم قىلمايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ جىنسىيەت تەربىيەسى بەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ قارىماسلىقى لازىم، جىنسىيەت تەربىيەسىنىڭ ماھىيىتى بىر خىل مۇھەببەت تەربىيەسى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى جىنسىيەت تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش بالىنىڭ جىنسىيەت جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

  بىرىنچى، بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپىيىش ئەزالىرىنى تونۇشنى ئۆگەتسە بولىدۇ، خۇددى باشقا بەدەن قىسمىنى تونۇغانغا ئوخشاش. بۇ گەرچە مەخپىي بولسىمۇ، لېكىن مۇھاكىمە قىلىشقا قەتئىي بولمىغۇدەك مەخپىي ئەمەس. مەسىلەن، بالىلارغا قەيەرنىڭ «ئۇياتلىق يەر» ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش لازىم. بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سورىشىنى كۈتۈشكە بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق پەيتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلار بىلەن نورمال پىكىر ئالماشتۇرسا، توغرا يېتەكلىسە ۋە تەربىيە بەرسە بولىدۇ، ئاسما مايكا ۋە كالتە ئىشتان بىلەن قاپلانغان ئورۇنغا باشقىلارنىڭ چېقىلىشىنى رەت قىلىشنى بالىلارغا ئۆگىتىش لازىم.

  ئىككىنچى، بالىغا نېمىنىڭ خەتەرلىك تېگىشىش ئىكەنلىكىنى، خەتەرلىك تېگىشىش يۈز بەرگەندە يۇقىرى ئاۋازدا «ياق» دېيىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بالىلارغا بەدەننىڭ قايسى قىسمىنىڭ شەخسىي ئورۇن ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىنورمال داۋالاش ئېھتىياجىدىن باشقا ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بەدىنىنى سىلاش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارمۇ باشقىلارنىڭ شەخسىي سىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، باشقىلارنىڭ شەخسىي يېرىگە چېقىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

  تۆتىنچى، بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدا مەخپىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، مەيلى ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش، قىزىقارلىق ياكى قايغۇلۇق، ئاسان ياكى قىيىن ئىش بولسۇن، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ھەرقانداق ئىشنى پاراڭلاشسا بولىدىغانلىقىنى بالىڭىزغا كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈڭ.

  بەشىنچى، بالىڭىزغا ئالاھىدە سوۋغات ياكى ئويۇنچۇق بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ياكى بالىڭىزنى يالغۇز ئېلىپ «ئالاھىدە دالا سەيلىسى» ياكى «ئالاھىدە پائالىيەت»كە قاتناشماقچى بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرگە دىققەت قىلىڭ.

  ئالتىنچى، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئائىلىدە جىنسىيەت تېمىسىدا ئازادە مۇنازىرە قىلىدىغان مۇھىت يارىتىشقا بولىدۇ. خەۋەر ۋە ئاشكارىلانغان بالىلارغا جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرىدىن پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە كىمنىڭ جىنسىيەت جەھەتتە ئۇلارغا قول ئۇزىتىۋاتقانلىقىنى ئاتا-ئانىسىغا دېيىشى لازىملىقىنى بالىلارغا دائىم تاپىلاش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئەگەر بالىڭىز جىنسىي دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان ھەرقانداق تارىخىنى ئاشكارىلىسا ئەستايىدىل ئاڭلاڭ ھەمدە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. ئەگەر بالىلار جىنسىي دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان تارىخىنى ئاشكارىلىسا، بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى جىنايەتچى سۈپىتىدە چېتىلىپ كىرگەن بولسا، ئادەتتە يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بالىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان ھامان، بالىنى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا تەكشۈرتۈش ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئارىلاشمىسا، دەخلى-تەرۇز قىلىش داۋاملىشىشى مۇمكىن، بالىمۇ «ئائىلەم بىخەتەر ئەمەسكەن، ئاتا-ئاناممۇ ياردەم قىلالمايدىكەن»، دەپ ئويلىشى مۇمكىن.

  سەككىزىنچى، بالىڭىزنى قوللاڭ، ئۆزىنىڭ جىنسىي دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىغا مەسئۇل بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بالىڭىزغا بىلدۈرۈڭ.

  توققۇزىنچى، بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، بالىنىڭ سالامەتلىكى جىنسىي دەخلى-تەرۇزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئونىنچى، كۆپ ساندىكى جىنسىي دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ كەسپىي پىسخىك مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. دوختۇر بالىلارنىڭ، پۈتۈن ئائىلىنىڭ شەخسىي سىرىنى تولۇق قوغدايدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۆز ۋاقتىدا پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم سوراش لازىم.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ جىنسىي دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىشى توغرىسىدا يەنە ئىككى خاتا قاراشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم:

  بىرىنچىسى، پەقەت بالىلار بىلەن ماھىيەتلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ئاندىن جىنسىي دەخلى تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟ جاۋابى: ياق. بالىلارغا جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش بالىلار بىلەن بولغان ھەرقانداق جىنسىي ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، كۆپىيىش ئەزاسى تېگىشكەن ياكى تېگىشمىگەن پائالىيەتلەر، بالىلارغا شەھۋانىي سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش، بالىلارنى شەھۋانىي سۈرەتكە ياكى سىنغا تارتىش قاتارلىقلار؛ شۇنىڭدەك بالىلاردىن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بەدەن قىسمىنى جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ شەخسىي يېرىگە تەگكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلار.

  ئىككىنچى، دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش بالىلارنىڭ بەك چىرايلىق ياسانغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ جاۋابى: ياق. ھايۋانلار ئاجىزلارغا يۈزلەنگەندە مەڭگۈ ھايۋان بولىدۇ، دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىدا خاتالىق يوق، خاتالىق ئۆتكۈزگىنى جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىدۇر، مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىكى يەنىلا جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ