مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەتنىڭ تىل خەزىنىسىنى ساقلاپ قېلىش

− ۋەكىللەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلدى

2020.05.26 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلىتىمىز بولسا بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تىل بايلىقى مول. گۇاڭشى ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇپ، خەنزۇ، جۇاڭزۇ، ياۋزۇ، مياۋزۇ، دۇڭزۇ، مۇلاۋ، ماۋنەن قاتارلىق 12 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. بۇ يىل ئىككى يىغىندا ۋەكىل فەن يىپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە كۆڭۈل بۆلۈش تەكلىپىنى ئېلىپ كەلدى.

  مىللەتنى تونۇشتا تىل ئەڭ مۇھىم. لېكىن ھازىر گۇاڭشىنىڭ شەھەردە تۇغۇلغان %90 جۇاڭزۇلارنىڭ ھەممىسى جۇاڭزۇ تىلىدا سۆزلىيەلمەيدۇ، پەقەتلا چۈشىنەلەيدۇ. بىزنىڭ ئائىلە جۇاڭزۇ، قىزىم 30 ياشقا كىردى، بۇ ياشتا جۇاڭزۇ تىلى بىلمەيدۇ. ھەتتا جۇاڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن يېزا-كەنتلەردىمۇ نۇرغۇن بالىلار جۇاڭزۇ تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، دېدى فەن يىپىڭ .

  ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا گەرچە دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىر قىسىم تىل تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاكتىپلىقى كۈچلۈك ئەمەس، ياخشى سىياسەتنىڭ يەنىلا ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى تەس. شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مىللىي مەدەنىيەت كەيپىياتى نىسبەتەن قويۇق بولغان يېزا-كەنتلەردىمۇ «جۇاڭزۇ تىلىدا گەپ قىلىش ئارقىدا قالغانلىق» دەپ تونۇش پىسخىكىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، ئائىلە باشلىقلىرى پەقەت كىچىك بالىلارغا ئورتاق تىلدا سۆزلەشنى ئۆگىتىدۇ.

  ماۋنەن مىللىتى دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز 28 مىللەتنىڭ بىرى. گۇاڭشىنىڭ خۇەنجياڭ ماۋنەن ئاپتونوم ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ماۋنەن ئاپتونوم ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەتنى قوغداش جەھەتتە ئۈنۈملۈك سىناق ئېلىپ باردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇەنجياڭ ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى خۇاڭ بىڭفېڭ مۇنداق دېدى: خۇەنجياڭ ناھىيەسى ئەجدىھا بايرىمى قاتارلىق مىللەتلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى مۇجەسسەملىدى، بۇ ماۋنەن مىللىتىنىڭ مىللىي تونۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ مىللىي مەدەنىيەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇلارنىڭ يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆگىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، دېدى خۇاڭ بىڭفېڭ.

  فەن يىپىڭمۇ تەكلىپ بەردى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا قوش تىل ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرغاندىن سىرت، يەنە مىللىي تىل-يېزىقنى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى، مەمۇر قوبۇل قىلىش، ئۇنۋان باھالاش قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، تۈزۈم سىياسىتى قاتلىمىدىن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۇ يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. شارائىتى بار مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ۋە پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى جەھەتتىكى كەسپىي دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ساقلاش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن «تۇپراق» ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ