مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: شياڭگاڭنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى بىر كەمچىللىك قىلىۋېلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ

2020.05.22 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلدى، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىچكى سىياسىي چوڭ ئىشلارنى كۈتۈۋالدى. ئېلان قىلىنغان 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ قارالمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا قاراپ چىقىلىدىكەن. دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتىنى قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2900دىن ئارتۇق ۋەكىلى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى، خەۋەرلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى بولسا، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، ھەتتا بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مەزمۇنى ۋە سىرتقا كېڭىيىشى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مول، ۋاقىت ۋە ساھە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ كەڭ، ئىچكى-تاشقى ئامىللار تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇرەككەپ بولماقتا، شۇڭا، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئەمىن تاپقاندىلا ئاندىن دۆلەتنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى سىياسىي ئىشلار، دۆلەت زېمىنى، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر پارچە يېرى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

  بۇ بىر قەدەم جەزمەن مەسئۇلىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. شياڭگاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمى، مەركەز شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش كېرەك، بۇ مەركەزنىڭ ھوقۇقى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسىدۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەزنىڭ رولىغا ۋەكىللىك قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىغا قاراپ چىقىشى بولسا، دەل شياڭگاڭنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدۇر؛ ئۇ ھەم شۇنداقلا، مەۋقەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ چىقىرىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، مەركەزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

  بۇ بىر قەدەم يەنە قانۇنغىمۇ ئۇيغۇن. ئاساسىي قانۇندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇننى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلىگەن. شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاپتونومىيە دائىرىسىگە كىرمەيدىغان قانۇنلار ھەققىدە، نېگىزلىك قانۇننىڭ قوشۇمچە ھۆججەت 3- قىسمىدا كۆپەيتىلسە ياكى كېمەيتىلسە بولىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شۇ جايدا ئېلان قىلىدۇ ياكى قانۇن چىقىرىپ يولغا قويىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىغا قاراپ چىقتى، بۇنىڭغا ئاساسىي قانۇن ھوقۇق بەردى، نېگىزلىك قانۇن كاپالەتكە ئىگە قىلدى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھەرىكىتى يوللۇقتۇر، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى نورمال، ھەمدە قانۇن نەزەرىيىسىگە تامامەن ئۇيغۇن ۋە قانۇن ئاساسى بار.

  بۇ بىر قەدەم ھەم ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن. شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 23- ماددىسىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇن چىقىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە، گەرچە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىنىگە 23 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن، يەرلىك قانۇن چىقىرىشنى ئۇزۇنغىچە ئىلگىرى سۈرگىلى بولمىدى، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىماتاڭ قىلغان ئۇنسۇرلار بۇ بوشلۇقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزىغا ئارقا-ئارقىدىن جەڭ ئېلان قىلدى. «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتىنى تەشكىللىدى. 2019- يىلى شياڭگاڭدا نىزام تۈزىتىش كىرىزىسى يۈز بەردى، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىماتاڭ قىلغان ئۇنسۇرلار دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى، مەركەزنىڭ ھوقۇقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ نوپۇزىنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، زورلۇق بىلەن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىگە ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. دېمەك، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ جەزمەن زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى نامايان قىلدى.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بولسا، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشى، يالغۇز شياڭگاڭنىڭلا ئىشى ئەمەس. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بولسا، دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر، شۇڭا، ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى تامامەن زۆرۈردۇر. پەقەت «بىر دۆلەت» ئېڭىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن «ئىككى تۈزۈم»نىڭ پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغىلى بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ خەۋەر ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىسىنى كۆرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى پۇختا يولغا قويۇپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  دۆلەتكە، شياڭگاڭغا ۋە خەلققە پايدىلىق بۇ تەدبىر دەل ۋاقتىدا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ