مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداش

— مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق جۇڭگوغا قارشى لايىھەسىگە باھا بەردى

2020.05.26 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا چېتىلىدىغان جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش لايىھەلىرىگە قارىتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلىرىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق، دېدى.

  جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردىمۇ؟

  بۇنداق دېيىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق!

  دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش- قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ لۇچى چاغاننىڭ 1-كۈنىلا ۋۇخەنگە يېتىپ كەلدى.

  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر جاڭ جىشيەن ئۆزى قوبۇل قىلغان ئۈچ گۇمانلىق بىمارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى؛ ۋۇخەن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ناھايىتى تېزلا بىمارلارنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشكە باشلىدى؛ 12-ئاينىڭ 30- كۈنى ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى؛ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى «نۆۋەتتە شەھىرىمىزنىڭ ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى...

  خۇاڭ لۇچى: «مەن ئىگىلىگەن بۇ پاكىتلارغا ئاساسەن، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن دەرھال تەشەببۇسكار بولۇپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق سەۋەبسىز ئەيىبلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق»، دېدى.

  جۇڭگو «ياردەم بېرىش سىياسىيسى» ئارقىلىق نەيرەڭ ئويناۋاتامدۇ؟

  بۇ قارا چاپلىغانلىق!

  «بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ھېچقانداق سىياسىي شەرت قوشۇلمايدۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بۇنى ‹سىياسىيلاشتۇرۇش› دەپ ئەيىبلىدى، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ باشقىلارنىمۇ ئۆزىدەك ئويلىۋالغانلىقى، باشقا غەرىزى بار ئىكەنلىكىدەك قاراڭغۇ پىسخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كۇڭ چۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى جۇڭگونىڭ يەر شارى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا قارىماي، خەلقئارا ئالاقە ۋە سۆھبەت ھەمكارلىقىنى رەت قىلدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىگە قارا سۈركىدى، ھەتتا دۇنيا يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتا ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئەيىبلەپ ۋە ھاقارەتلەپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى.

  جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كونترول قىلىۋالدىمۇ؟

  بۇنداق دېيىش ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق!

  ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى تۇرۇپ- تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كونترول قىلىۋالدى» دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتىلەرگە قارىتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى باۋدۇڭ بىر قاتار سانلار بىلەن رەددىيە بەردى.

  لى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا جەمئىي 180 نەپەر ئامېرىكىلىق خىزمەتچى بار، جۇڭگولۇق خىزمەتچى ئاران 35 نەپەر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكى 21 كىشى ئىچىدە، 11 كىشى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن، پەقەت بىرلا ئادەم جۇڭگودىن كەلگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت ئەترىتى بولۇپ، 30 نەچچە ئادەم ئامېرىكىدىن كەلگەن، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى مەخسۇس ئەمەلدارلارنى قاتناشتۇرىدۇ.

  «ئادەم سانىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، قانداقمۇ جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كونترول قىلىۋالدى، دېگىلى بولسۇن، بۇ پۈتۈنلەي ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق»، دېدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس «ۋۇخەندە ياسالغان»مۇ؟

  بۇنداق دېيىش ئىلىم-پەندىن چەتنەپ كەتكەنلىك!

  «يۇقۇم ئەھۋالىنى ئالدى بىلەن مەلۇم قىلىش ئۇنىڭ كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ». مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى تىببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خۇ يۈ مۇنداق دېدى: «تارىخىي ھۆججەتلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ناھايىتى ئاسانلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى تاپالايمىز، ئەيدىز كېسىلى ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا تارقالغان، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسى ئامېرىكىدا بولۇشى ناتايىن».

  خۇ يۈ مۇنداق دېدى: ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى كەسكىن ئىلمىي مەسىلە، بۇ توغرىسىدا تېببىي ئالىملار، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار دەلىل-ئىسپات ئىزدىگەندىلا، ئاندىن توغرا جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ.

  ۋىرۇس «ۋۇخەندە ياسالغان»مۇ؟ خۇ يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-فىرانسىيە ھەمكارلىشىپ P4 تەجرىبىخانىسىنى قۇرغاندا، ئۇنىڭغا ۋىرۇسنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى بېرىلگەن، ھەرگىزمۇ ۋىرۇس ياساش ئىقتىدارى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئالىملارنىڭ قاتتىق تەتقىق قىلىشى ۋە تەجرىبە قىلىشىدىن ئۆتكەن بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تەبىئەتتىن كەلگەن، سۈنئىي ياسالغان ئەمەس.

  جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسى مەسىلىنىڭ مەنبەسى؟

  بۇنداق دېيىش ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق!

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ خۇڭسەي: «يۇقۇم — تەبىئىي ئاپەت، جۇڭگو ۋىرۇسنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئامېرىكا خەلقىمۇ شۇنداق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس سىياسىي تۈزۈلمە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىدېئولوگىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز»، دېدى.

  ليۇ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە تاياندۇق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە بولدى. بۇ ئۇسۇللار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا نۇرغۇن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ليۇ خۇڭسەي: «ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ ھەم ھاياتلىقنى ساقلاپ قالالمايدۇ. تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە سەرپ قىلىش كېرەك، مانا بۇ يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان توغرا يول»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ