جوۋ چياڭ: ئۆسمۈر بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك

2020.05.26 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنى 25- ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جوۋ چياڭ 2019- يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئەسلىگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش كېرەك.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش. دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت شېئىرىنى ھاقارەتلەش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، فاڭ جىمىن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شان-شەرىپىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئايال ئىشچىلارنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقتىن ئىشتىن بوشىتىلغانلىقى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدىگەندە رايون بويىچە كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىق دېلولارنى مۇۋاپىق سوت قىلىپ، ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى ۋە قائىدە ئادىللىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىناق ئائىلە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئائىلە ئىشلىرىنى سوت قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىدىن 2004 پارچىنى ۋاقتىدا تارقىتىش كېرەك. ياشانغانلارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش ۋە زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، ئائىلە ئىشلىرى سوتىدا ئۆي ئىشلىرىنى دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، بېقىش ۋە بېقىۋېلىش ماجىراسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش. ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆسمۈر بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، بالىلارغا جىنسىي تاجاۋۇز قىلغان جاۋ جىيۇڭ قاتارلىق جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك.

  «مەكتەپتە جېدەل چىقىرىش» جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، يېزىلاردىكى بالىلارنى قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك.

  دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئەتىنى، ھەربىيلەرنىڭ ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش. ئارمىيەگە چېتىلىدىغان شەخسىي قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئاۋمېننىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقى تور سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى باراۋەر قوغداش كېرەك.

  جەمئىيەت ئەزالىرىنى جامائەت ئېڭى ۋە قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش. جامائەت بوشلۇقىدا يۈز بەرگەن دېلولارنى سوت قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت قانۇنىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ