مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈرەش مەخسۇت ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

2020.05.25 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ «مىنىستىرلىق رەھبەرلىرى» سەھىپىسى يېڭىلانغان بولۇپ، كۈرەش مەخسۇتنىڭ مۇشۇ ئايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  ئاشكارىلانغان قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، قوشۇمچە دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى بولغان.

  يولداش كۈرەش مەخسۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  كۈرەش مەخسۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىن، 1977-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1977-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىنىڭ كۇرسانتى بولغان.

  1977-يىلى 9-ئايدا، ئازادلىق ئارمىيە ئۆلچەش-سىزىش ئىنستىتۇتى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش فاكۇلتېتى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش ئىچكى كەسپى كەسپىدە ئوقۇغان.

  1979-يىلى 2-ئايدا، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2-ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە سىزىش ئەترىتىنىڭ ئۆلچەش- سىزىش خادىمى بولغان.

  1980-يىلى 9-ئايدا، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش ئىچكى كەسپى ئەترىتىنىڭ تېخنىكى بولغان.

  1982-يىلى 2-ئايدا، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2-ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە سىزىش ئەترىتى، ئاۋىياتسىيە ئۆلچەش ئىچكى ئىشلار ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1986-يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي باشقارمىسى، كەسپىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1988-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە نازارىتى 3- باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1992-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە نازارىتى 3- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1993-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە 2- ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1996-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1998-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

  2000-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.

  2003-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2001-يىلى 9- ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

  2007-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2008-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2014-يىلى 3-ئايدا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش-جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2018-يىلى 3-ئايدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2018-يىلى 10-ئايدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى بولغان.

  2020-يىلى 5-ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ