مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىرما زۇڭتۇڭى ۋىن مىنت بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.05.21 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ماي كەچتە بىرما زۇڭتۇڭى ۋىن مىنت بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگودا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرما ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە جۇڭگوغا ياردەم قولىنى سۇندى. بىرمىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بىزنىڭ قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى. جۇڭگو بىرمىغا نۇرغۇن تۈركۈمدە يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى ھەمدە ئىككى تۈركۈم داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى بىرمىدىكى داۋالاش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىلىك روھىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو بىرمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. بىرما خەلقىنىڭ يۇقۇمنى چوقۇم يېڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو بىرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، بۇ بىر مەيدان يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە قوغداش جېڭىدە قول تۇتۇشۇپ غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ