خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرەر مىللەت چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پۈتكۈل مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. مەن يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشىىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدۇق. بىز مۇھىم پەيتلەرگە قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، ئىشەنچىمىزنى شۇنچە چىڭىتىپ، ئىشلارنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ۋە نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشلىرى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ