مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.05.22 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى»دۇر. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارا چاي كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە خەت ئەۋەتىپ، ئۇنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاي جۇڭگودا بارلىققا كېلىپ، دۇنيادا ئومۇملاشقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خەلقئارا چاي كۈنى»نى تەسىس قىلغانلىقى-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاينىڭ قىممىتىگە بولغان ئېتىراپى ۋە ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، چاي كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە چاي مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چاي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىشتا چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى چاي كەسپىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاي مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى چاينى تونۇش، چاينى ياقتۇرۇش، چايدىن ھۇزۇرلىنىش ۋە گۈزەل تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ