خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، بېنگال جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونى قوللاپ، بېنگال خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىپادىلىدى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا يۇقۇم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. جۇڭگو بېنگال تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بېنگالنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، يېقىندا بېنگالغا بىر داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، بېنگال خەلقى يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭەلەيدۇ. بېنگال ھۆكۈمىتىنىڭ بېنگالدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپمۇ جۇڭگودىكى بېنگال پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ