13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2020.05.27 09:04 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى

  لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قوزغاتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قانۇن مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا دائىمىي كومىتېتنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى: قانۇن لايىھەسى، قارار لايىھەسىدىن 48گە قاراپ چىقتى، 34نى ماقۇللىدى؛ 39 دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقتى، ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۈرۈشتۈرۈشنى، يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، بىر تۈرلۈك قارار چىقاردى؛ بەش ئىككى تەرەپلىك شەرتنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى؛ قانۇن بويىچە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى 282 ئادەم قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، ۋەزىپىدىن قالدۇردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى، جازا ئۆتەۋاتقان قىسمەن جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)»نى تەتقىق قىلىپ تۈزدى ھەم قاراپ چىقتى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يۇقىرى سۈپەتتە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئائىت قانۇن چىقىرىشنى تېزلەتتى؛ رېۋىزىيە، ئەدلىيە، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتتى. ئۈچىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت بويىچە مۇھىم، زور ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. دىققەتنى مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالار دائىم غەم قىلىدىغان جىددىي ئىش، قىيىن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشتى. تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت تۈزۈمى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى 35 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى تۈزدى، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇردى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتتى، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بەشىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان تەشەببۇسكارلىقى، قاراتمىلىقى، بىرتۇتاش پىلانلاشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئالتىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ