مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىللىق سىياسەتلەر بولۇشى كېرەك

2020.06.01 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالاش كۆرسەتكۈچىدە، يولنى ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش، يولدىكى بازار، سەييارە سودىگەرلەر مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالاش بويىچە تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىنمايدۇ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇ بىر ئىللىق، يېقىشلىق تەڭشەش بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋە ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى تەڭشىدى. بۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، دەل ۋاقتىدا كەلگەن ئىللىق سىياسەت خەلق رايىغا ئۇيغۇن بولۇپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك سىياسەت خەيرخاھلىقىنى نامايان قىلدى.

  شەھەرنى تۈزەشتە تېخىمۇ كۆپ ئىللىق سىياسەتلەر بولۇشى كېرەك. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، شەھەر باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش − خەلق ئاممىسى ئۈچۈن تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىدا ئاممىنىڭ تەسىراتى ئەڭ بىۋاسىتە، شۇنداقلا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. جايلار، تارماقلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى سىياسەتلەرنى چىقارغاندا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، «خەلق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايەن قىلىش كېرەك.

  ھەم ئىللىق بولۇشى، ھەم باشقۇرۇش جايىدا بولۇش كېرەك؛ ھەم مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش، ھەم خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. بۇ قېتىمقى مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەڭشىشىنى مىسال قىلساق، يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش قاتارلىقلارنى باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلماسلىق ھەرگىزمۇ يولنىڭ قالايمىقان، تەرتىپسىز بولسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، جايلار، تارماقلار باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يايمىچىلارنى مەركەزلىك، قېلىپلاشقان تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ ياخشى قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى، شەھەر مۇھىتى يارىتىش ئوخشاشلا مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنىدۇر.

  خەلق شەھەرلىرى خەلق ئۈچۈن باشقۇرۇلىدۇ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا خەلققە تايىنىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى ياخشىلاشنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىدىن باشلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى، ئاممىنىڭ تەلىپىنى سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرغاندىلا توغرا، ئۈنۈملۈك، ئامما ئالقىشلايدىغان ياخشى سىياسەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ