مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» ئارقىلىق كەسىپلەرنى يېڭىلىق يارىتىش قاناتلىرىغا ئىگە قىلدۇرايلى

2020.06.01 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزىلەر، ئىلىم-پەن كىشىگە ئېنىقلىق ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ، دەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھازىرقى دەۋردە تېخىمۇ روشەن بولماقتا.

  بۇ يىل 5- ئاينىڭ 30- كۈنى دەل 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى ئىدى. شۇ كۈنى، «پەن-تېخنىكىنى خەلق ئۈچۈن گۈللەندۈرۈش مېنىڭ كۈرەش نىشانىمدۇر!» دېگەن جۈملە باش تېما قىلىندى. بۈگۈن «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» ناملىق ماركا ئۆز قىياپىتىنى رەسمىي تۈردە كۆرسەتتى، ھەمدە «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۇ خۇددى كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سوۋغا قىلىنغان بايراملىق سوۋغاتدەك بولۇپ قالدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېپيېڭى، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئىستىقبالى پارلاق بولغان بۇ ئىسىم كارتىسى يالتىراپ ۋە چاقناپ تۇرماقتا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن تولۇپ تاشقان ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.

  «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو»نى بەرپا قىلىش كېرەك؟ بۇ ئىككى سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا توغرىلاپ، ئۇنى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ئېنېرگىيەگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ بىر زۆرۈرىيەتتۇر. ئېلىمىزنىڭ كەسىپلىرى ھازىر تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا، تەرەققىياتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى بولسا، يېڭىلىق يارىتىشتا، مۇھىمى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىشتا. بۇ بولسا بىر مۇقەررەرلىكتۇر. نۆۋەتتە، خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ھالدا تۇرماقتا، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشتا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ «باشلامچىسى»دۇر. بۇ بولسا بىر يۈزلىنىشتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو»نى بەرپا قىلىش، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش، پەن-تېخنىكىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ۋاقتىدا قىلىنىۋاتقان ئىشلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىستىقبالى بار بىر ئىشتۇر.

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا تەسىس قىلىنغان «مىنىستىرلار يولى»دا كىشىلەرنى قىزىتۇرىدىغان مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتىلدى: يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ جىددىي بولۇۋاتقان شۇ مەزگىللەردە،ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن 5Gلىق ۋىدىئو ئارقىلىق بەش نەپەر ئېغىر بىمارغا يىراقتىن دىئاگنوز قويدى. بۇ، داۋالاش خىزمىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشنىڭ جانلىق نامايەندىسى. خاس بۇلا ئەمەس، يەنە پۈتكۈل زەنجىر بويىچە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى سۈپىتىدىكى «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو»نىڭ مەقسىتى بولسا، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئالىملار ۋە كارخانىچىلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەشكىلىي ئەندىزە ۋە خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» بولسا، بىر سۇپىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن بازار كۈچىنىڭ ھەمكارلىق يولىنى كېڭەيتتى؛ ئۇ ھەم ئېكولوگىيە، ئاساسىي تەتقىقات، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، بازار مۇلازىمىتى، خەلقئارا ھەمكارلىق، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سىياسەت ۋە تۈزۈم قاتارلىقلارنىمۇ مۇجەسسەملىدى؛ ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، ئۇ چېگرا ھالقىپ ھەمكارلىشىش داۋامىدا پەن-تېخنىكا ئورتاق گەۋدىسىنى دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش تورىغا سىڭدۈردى.

  تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە، پەن-تېخنىكا باشتىلا كىشىلەرنى كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدۇرىدۇ. لېكىن، پەن-تېخنىكىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلىتىش ۋە پەن-تېخنىكىنى قانداق قىلىپ ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تېمىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى ھەل قىلىش كېرەك، مەسىلەن، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى قانداق راۋانلاشتۇرۇش، مۇۋەپپەقىيەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشتىكى «ھالاكەت جىلغىسى»دىن قانداق ھالقىش، قانداق قىلىپ ساغلام پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەك. بۇ، پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە تېگىشلىك چوڭ تېما ۋە ھەقىقىي مەسىلە. مەلۇم دەرىجىدە، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» بولسا، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەت. شۇنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تۈگۈنلۈك شەھەر قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، تالانت ئىگىسىنى تەربىيىلەشنى تەشكىللەش، چەت ئەلدىكى ئەقلىي ئىقتىداردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ توپلىشىشى، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو»دىكى پەن-تېخنىكىدا تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان كارتىنىسى ئاستا-ئاستا قانات يېيىپ ئېچىلىدۇ.

  قىممەت ئىستىكى بولمىغان ھالدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھېچ چىقىش يولى بولمايدۇ، قىممىتى بولمىغان پەن-تېخنىكا خىزمىتىدە روھ كەمچىل بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىنتىلىدىغىنى ھەرگىز پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ سانىنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى ئەمەس، ئەكسىچە ياخشىمۇ-قانداق، كىشىلەرگە بەخت يارىتامدۇ-قانداق، دېگەندەك مەسىلىلەر. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشنى مىسال ئالساق، مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكا سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە ۋە ساغلاملىق قاتارلىق 12 تارماقتىن تەركىپ تاپقان پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىشلەپچىقىرىش، ئۈگۈنۈش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر بويىچە زىچ ماسلىشىپ، ئاكتىپ نىشانغا قاراپ بىر نىيەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ۋاكسىنا بولسا، كىشىلەر ساغلاملىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇپ، جۇڭگو ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش زەنجىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە، ھەمدە جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ئىنسانلارغا تەقدىم قىلىشقا ۋەدە بەردى.

  بىر ئالىم مۇنداق دېگەن: بىز ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا، نەتىجىلەرنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ھېڭىدىن ئۆتۈشكە، پەن تەتقىقات تاجىدىكى مەرۋايىتلارنى تىرىشىپ ئۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇ، كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى. «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان جۇڭگو» ئارقىلىق كەسىپلەرنى يېڭىلىق يارىتىش قاناتلىرىغا ئىگە قىلدۇرايلى!جۇڭگو ئەجدىھاسى چوقۇم ۋەزىيەتكە قاراپ كۆكتە پەرۋاز قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ