مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2020.05.28 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27- ماي تېلېگراممىسى:جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پۇختا خىزمەت ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپىغا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتنى تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

  يىغىنغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە باشلاندى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2151 نەپەر بولۇپ، ئۇلاردىن ئەمەلىي قاتناشقىنى 2043 نەپەرۈبولدى، بۇ سان بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا لى بىن سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى. ئەزالار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى بىردەك ئالقىشلىدى ۋە قوللىدى.

  ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن مۇھىم پەيتتە چاقىرىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق ئەزالار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ