مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

قەدەم-باسقۇچلارغا بۆلۈپ يولغا قويۇش رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.06.02 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 31-ماي خەيكوۋدا خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار سىياسەت، ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەينەندە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەدەم-باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي پۇختا بولۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ