مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يايما ئىگىلىكى»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، شەھەرنى تېخىمۇ كۆپ تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە قىلايلى

2020.05.29 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئاخىرلاشقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ باۋلىڭ شەھەر باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «يايما ئىگىلىكى»نىڭ ئەڭ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش تەكلىپى بەردى. ياڭ باۋلىڭ بىرلىككە كەلگەن «يايما ئىگىلىكى» ئىجازەت ئۆلچىمى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت شەرتى ۋە تاۋارلارنىڭ بازارغا كىرىش رەسمىيىتىنى بېكىتىش، سالاھىيەتنامە، ئىجازەتنامە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «يايما ئىگىلىكى» ۋە كەسىپكارلارغا قانۇنلۇق ئورۇن بېرىش تەكلىپى بەردى.

  «يايما ئىگىلىكى»نىڭ «ئۈچ تۆۋەن» ئالاھىدىلىكى ئۇنى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان. ئىگىلىك تىكلەش ئۆلچىمى تۆۋەن، دۇكان ئىجارىسى يوق، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، تېخنىكا تەلىپى يوق بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر يايما ئېچىپ، شەخسىي ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپلا مال ساتالايدۇ؛ مەغلۇبىيەت خەۋپ- خەتىرى تۆۋەن، كېمە كىچىك بولسا كەينىگە بۇرۇلۇش ئاسان بولىدۇ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلەلەيدۇ؛ تاۋار باھاسى تۆۋەن بولۇپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

  لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار مەدەنىي شەھەر، پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش جەريانىدا «يايما ئىگىلىكى» ئاھالىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن تەدرىجىي چىقىپ كەتتى. شەھەر رەتلىك بولدى، ئۇششاق تىجارەتچىلەر كۆرۈنمىدى، شەھەرلەردە تاماق پۇرىقى، تۇرمۇش پۇرىقىمۇ سۇسلىشىپ كەتتى.

  كىشىلەر ئارىسىدىكى تاماق پۇراقلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ مايىل قىلىدۇ. شەھەرلەردە قولايلىق ئەسلىھەلەر، گۈزەل تاشقى قىياپەت بولۇشى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى زىمىستان قىشتا پاناھلانغۇدەك جاي، قاراڭغۇ كېچىدە يورۇقلۇق بولۇشى كېرەك. «ساز، شاھمات، ھۆسنخەت، رەسىم، شېئىر، شاراب، گۈل» ئەلۋەتتە مۇھىم، بىراق «ئوتۇن، گۈرۈچ، ياغ، تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، چاي» دېگەندەك بۇيۇملار ئەڭ ئاساسلىق خەلق تۇرمۇشى سىنىقى ھېسابلىنىدۇ.

  بولۇپمۇ، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، جايلار «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بەزى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەنسىرەش سەۋەبلىك «خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» قەدىمىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، چېڭدۇ شەھىرى «يايما ئىگىلىكى»نى تەرتىپلىك قويۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالقىشلاندى. 3- ئاينىڭ 15-كۈنى چېڭدۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ يايما يېيىشىغا، ۋاقتىنچە يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. چېڭدۇ شەھىرىدىكى زوڭفۇ يولىدا ھەر كۈنى كەچ سائەت 10 دا ھەر خىل يېمەك-ئىچمەكلەر كوچىلارنى «ئۆتكۈزۈۋېلىپ»، «كېچىلىك تاماق» ئەندىزىسىنى باشلىدى. كەچتە قورسىقى ئاچقان كىشىلەر تۈركۈملەپ كېلىپ، 2020-يىلى يۇقۇم سەۋەبلىك كېچىكىپ كەتكەن باھارنى تاماق ئۈستىلىدە «يېيىش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى» بولدى. ئىككى ئايدىن بۇيان، 80 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98 كە يەتكۈزۈلدى. كوچا بويىدىكى كىچىك دۇكانلارغا «قايتىدىن جان كىردى »، كېچىلىك ئاشخانىلاردا قەدەھ ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، كىچىك ئاشپۇزۇل، قەھۋەخانىلارنىڭ چاسا شىرەلىرى چىنار دەرىخى ئاستىغا تىزىلدى... چېڭدۇنىڭ سىياسىتى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، بۇ، «تور چولپىنى شەھىرى»نىڭ بۇرۇنقى گۈزەللىكىنى يوقاتمىدى، ئەكسىچە يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان گۈزەللىك قوشتى، شۇنداقلا باشقا شەھەرلەرگە ئۈلگە بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا سالاپەت بىلەن تۇرمۇش پۇرىقى ئەسلىدىنلا بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. دۇنياغا نەزەر سالساق، تايلاندنىڭ چىڭمەيدىكى ھەپتە ئاخىرىدىكى بازاردىن، ئامېرىكا برودۋېيدىكى مىلىچمال بازىرى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى چوڭ بازارغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «يايما ئىگىلىكى» بار. ئەسلىي پۇراققا ئىگە شەھەر تۇرمۇشى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. بەزى بازارلار يەنە دۇنياغا داڭلىق چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك يەر بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

  دەرۋەقە، «يايما ئىگىلىكى»نى قويۇۋېتىش ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، شەھەر باشقۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. چېڭدۇدا بۇلتۇردىن باشلاپ كوچىلاردا سەنئەتكارلار «كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش» يولغا قويۇلۇپ، يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك ئالدىنقى شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئەمالار يولى، ئوت مۇداپىئە يولىنى ئىگىلىۋالماسلىق، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە سەھىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەمدە يول ئىگىلەش ۋاقتى بەلگىلەندى. بۇ ئىنچىكە تەدبىرلەر باشقا شەھەرلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر سىياسەت تۈزۈشنىڭ تېخىمۇ ئىنسانىيلىشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. قوپاللىق بىلەن «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» كىشىلەرنىڭ شەھەرگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، پەقەت ھەر بىر ئادەمنىڭ كىچىك ئارزۇسى بىلەن شەھەرنىڭ چوڭ ھېسسىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ مىكرولۇق ئارزۇسىنى ماكرولۇق خەلق تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەندىلا، ھەر بىر ئادەمگە شەھەردە تېخىمۇ كۆپ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرغىلى، ھەربىر ئادەمنى كىشىلەر ئارىسىدىكى تۇرمۇش پۇرىقى ئىچىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان «كىچىك بەخت»كە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ