13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2020.05.29 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» ماقۇللاندى، شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى ۋە ئېلان قىلدى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

  لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 5- ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 45-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، بۇ قانۇننى ئېلان قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

  يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئېمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بايماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2886 كىشى، قاتنىشالمىغىنى 70 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنۇلاردا كۆرسىتىلدى: يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىگە قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ماقۇللاندى. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىن بۇيانقى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچلۇق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ماقۇللىنىپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جۇڭخۇانىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ