زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2020.05.29 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 28-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرلار يىغىنى باشلانغاندا لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى دوستلارنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقۇم سەۋەبىدىن، بىز مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنى سىن شەكلىدە ئاچتۇق، مېنىڭچە بۇ ئارىلىق ئارىمىزدىكى ئالاقىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ۋاقىت چەكلىك، كۆپچىلىك سوئال سوراڭلار.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى نەچچە تىرىليون دوللارلىق مالىيە ۋە پۇل تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان زەربىسىگە تاقابىل تۇردى. بۇ يىل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى بېكىتىلمىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مالىيە تەدبىرلىرى جۇڭگونىڭ 2019- يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %4 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ كۆلەم بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىدا تۇنجى قېتىم نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تارىيىش كۆرۈلدى. كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا، جۇڭگو تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك قوزغىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويامدۇ؟ تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يەر شارىۋىي يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سىجىل يامرىشىغا ۋە ئۈزلۈكسىز جىددىيلىشىۋاتقان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان يېتەرلىك سىياسەت قورالى بارمۇ؟

  لى كېچياڭ: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، بۇنى تارىختا ئاز كۆرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. يېقىندا نۇرغۇن ئاساسلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مەنپىي %3، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ يىل بىز GDP ئېشىشىنىڭ مىقدارلاشقان كۆرسەتكۈچىنى بېكىتمىدۇق، بۇمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەنلىك. لېكىن بىز ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» نىشان ۋەزىپىسىنى بېكىتتۇق، بۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇھىم ئەمەس، دېگەنلىك ئەمەس، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئەمەلىيەتتە خەلق ئاممىسىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن تېخىمۇ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە قىلغانلىقىمىزدۇر. تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئاساسى. ئەگەر بىر تۇتاش ھېسابلايدىغان بولساق، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»، بولۇپمۇ ئالدىنقى «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلسا، بىز بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ