مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغى بىلەن كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتى سىنلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مەبلەغنى دەل جايىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۆلەملىك سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم

2020.06.02 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، چىڭداۋدا سىنلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغى بىلەن كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  سىن يىغىنىدا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جيايى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى لى گەنجيې ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يۈەن جياجۈن، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى گويىڭ، گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شېن يىچىن، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ليۇ گوجۇڭ ھەمدە جىنىڭ شەھىرى، يىيۈەن ناھىيەسى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ كارخانا، ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بۇ، شەھەر، ناھىيە مالىيەسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان «شىپالىق يامغۇر» بولدى، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك يەنە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» چۆرىدىلىپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى كۆپەيتىش، جەمئىي 2 تىرىليون يۈەنلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى تارقىتىش بېكىتىلدى، بۇ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۆلەملىك سىياسەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئالاھىدە مەزگىلدە قوللىنىلغان ئالاھىدە سىياسەت سۈپىتىدە مەبلەغنى ئىشلىتىشتە «بىۋاسىتە ئىشلىتىش ئورنىغا يەتكۈزۈلۈپ»، شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بازار كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، بۇ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ