مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«نەپەس ئالالمىدىم» − ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش قاچان تۈگەيدۇ

2020.06.02 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «نەپەس ئالالمىدىم» − يېقىندا ئامېرىكا مىننېئاپولىس كوچىلىرىدىكى بۇ ئازابلىق نالە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان خەلقئارا جامائەت پىكرى سورۇنىدا داۋاملىق دىققەتنى قوزغىدى. «نەپەس ئالالماسلىق» ئامېرىكا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىق جاھىل كېسەللەرگە بولغان نارازىلىقنىڭ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

  «ساقچى، سىزدىن ئۆتۈنەي، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، نەپەس ئالالماي قالدىم... » مانا بۇ ئاق تەنلىك ساقچى بوينىنى بېسىۋالغانلىقتىن، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن قارا تەنلىك ئەر جورج فلويىدنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچى بىلەن يالۋۇرۇشى ئىدى. بۇنداق «نەپەس ئالالماسلىق» ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئازراقمۇ ناتونۇش ئەمەس. ۋاقىتنى 2014-يىلىغا ياندۇرساق، ساقچىلار كانىيىنى سىقىۋالغان نيۇيوركتىكى قارا تەنلىك ياش ئېرىك گانا جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ ئوخشاش سۆز بىلەن رەھىم قىلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدى.

  «نەپەس ئالالمىدىم» دېگەن نالە-پەرياد ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ كونا جاراھىتىنى قايتا-قايتا ئېچىۋاتقان بولۇپ، كىشىنى بىئارام قىلىدۇ ھەمدە غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ.

  مىننېسوتا ئىشتاتىدىن تېكساسقىچە، نيۇيوركتىن ۋاشىنگتونغىچە، جورجىيەدىن كالېفورنىيەگىچە... يېقىندىن بۇيان، «نەپەس ئالالمىدىم» ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يامرىدى، ئاممىنىڭ ساقچىلارغا چېتىشلىق ئىرقىي زوراۋانلىققا چىدىغۇچىلىكى قالمىدى، ئۇلار «قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىمۇ جان»، «باشقا دۆلەتلەردە بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ كوچىغا چىقىپ، ئېتىراز بىلدۈردى.

  ئاممىۋى پىكىر ۋە ئاممىنىڭ غايەت زور بېسىمى ئاستىدا، مىننېئاپولىس ساقچى تەرەپ ۋەقەگە چېتىشلىق تۆت نەپەر ساقچىنى ئىشتىن بوشاتتى، تىزى بىلەن فلويېدنى بېسىپ تۇرغان ساقچى دېرېك شوۋىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. زۇڭتۇڭ ترامپ «ھەققانىيەت ئەۋج ئالىدۇ»، دېدى.

  ئامېرىكىدا ھەققانىيەت ھەقىقەتەن ئەۋج ئالالامدۇ؟

  بەزىلەر ئامېرىكىدىكى ھوقۇقدارلار تەبىقىسىنىڭ مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئاساسىي تاكتىكىسىنى: ئېغىزىدا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش مۇقامىنى چالىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىدۇ، دەپ يەكۈنلىگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدا «نەپەس ئالالماسلىق» دېلولىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ. ئاتلانتا شەھىرىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان شەھەر باشلىقى كېيشا بوتتومىس ئەيىبلەپ: ئاقساراينىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى كۆچمەنلەر ۋە ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش مەسلىكى توغرىسىدىكى سۆز-ئىبارىلىرى ئىرقچىلىق خاھىشىغا ئىگە كىشىلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى، دېدى.

  ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خادىمى مىشېل باچېلېت مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىرقىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئامېرىكا چوقۇم «كەسكىن ھەرىكەت» قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ قارا تەنلىكلەرنىڭ ساقچىلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئىرقىي كەمسىتىلىشىنى توسۇشى كېرەك.

  ب د ت نىڭ ھازىرقى زامان شەكلىدىكى ئىرقچىلىق، ئىرقىي كەمسىتىش، ياتلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش پىسخىكىسى ۋە ئالاقىدار تاقەت قىلغۇسىز ھەرىكەتلەر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى: ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋە ۋەھشىيلەرچە خورلاش ئەھۋالى ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاز سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن قارا تەنلىكلەرنىڭ قامىلىش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ 5.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. پېيۇ تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق ئامېرىكىدىكى ئىرقلار» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: تەخمىنەن %58 زىيارەت قىلىنغۇچى «ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ناچار» دەپ قارىدى، يېرىمدىن ئارتۇق ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلار «ئامېرىكا ئىرقىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ» دەپ قارىدى.

  ئامېرىكىدا ساقچىلارغا چېتىشلىق ئىرقىي زوراۋانلىق كۆپ يۈز بەردى، بۇنىڭ مەنبەسى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى خاتالىقنىڭ زىيىنى ئۈستىدە باشتىن-ئاخىر تۈپ يىلتىزىدىن ئويلانماي، ئاجىز ئاممىنى كەمسىتىپ، ھاياتلىققا سەل قارىدى، ئاز ساندىكى قەۋملەر بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ قارشىلىشىشىدىن ساقلىنىشتىكى تۈزۈم لايىھەسى كەمچىل. خەلقئارا جامائەتچىلىك كەڭ دائىرىدە مۇنداق دەپ قارىدى: ئىرقچىلىق كەيپىياتىنىڭ ئۆرلىشى، قەۋملەرنىڭ قارشىلىقىنىڭ كەسكىنلىشىشى − بۈگۈنكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىدۇر. ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ بەزى قاراشلىرى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئاشۇرۇۋەتتى.

  2020-يىلى ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلام يىلى، ئىرقچىلىق مەسىلىسى ئەزەلدىن سايلامنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا: ترامپنىڭ سايلام رىقابىتى ئۆمىكى ئىرقچىلىق مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئېرىشكەن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن سايلام بېلىتىنى تالاشماقتا، دېيىلدى. فلويېدنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىنمۇ بەكرەك ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، سىياسىينىڭ قۇتۇبلىشىشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئىرقىي زىددىيەتنىڭ جاراھىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىراگېدىيەلەر بۇنىڭدىن كېيىن يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئامېرىكا جەمئىيىتىنى «نەپەس ئالالماسلىق»تىن خالىي قىلىش يولى يەنىلا ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ