مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەكىل تاڭ خەيلۇڭ ئانا تىلنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تىل-ئەدەبىياتنىڭ نومۇر نىسبىتىنى تەڭشەش تەكلىپى بەردى

2020.05.27 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، تىل-يېزىق ئىشلىتىشنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت تونۇشىنى كۈچەيتىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تاڭ خەيلۇڭ: دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنىغا مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پۇتۇڭخۇا، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىڭ دۆلەت تىل تۇرمۇشىدىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تىل-ئەدەبىيات نومۇرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئانا تىلدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۈستۈنلۈكنى گەۋدىلەندۈرۈش تەكلىپى بەردى.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى خىزمىتىدە بەزى قىيىنچىلىقلار ساقلانماقتا: نوپۇزى كىچىك، جازالاش كۈچى ئاجىز، قائىدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەس بولماقتا؛ تور تىلى ۋە ئېلان تىلىدا چەت ئەل يېزىقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خەنزۇچە خەت، خەنزۇ تىلىنى ياساش ھادىسىسى كۆرۈنەرلىك بولماقتا؛ قىسمەن چەت-ياقا رايونلاردىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش شارائىتى قاندۇرۇلماي، ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى تۆۋەن بولماقتا؛ قىسمەن دىئالېكت رايونلىرىدا ئورتاق تىل ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىشتا قىيىنچىلىق مەۋجۇت؛ بىر قىسىم شياڭگاڭ، تەيۋەن ياشلىرى ۋەتەننىڭ مەدەنىيىتىدىن يىراقلىشىپ، قىزىقماس بولۇپ قالماقتا.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى جازاسى «ئاگاھلاندۇرۇش» بىلەنلا چەكلەنگەن. كۆپ يىللىق ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا قايىل قىلىش، تەربىيە بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش چارىلىرى چۆچۈتۈش رولىنى شەكىللەندۈرەلمىدى، قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى ئېنىق ئەمەس، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئەمەس، دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى ئارقىلىق يولغا قويۇش كاپالىتى كەمچىل بولۇپ كەلدى.

  ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك، ئورتاق تىلنى كۆرۈنەرلىك گەۋدىلەندۈرۈش، خەنزۇ يېزىقىنىڭ دۆلەت تىلى تۇرمۇشىدىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تىل ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، نورۋىگىيە، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر قانۇن ياكى سىياسەت تۈزۈپ ئانا تىلىنى قوغداپ، كۈچلۈك ئىنگلىز تىلىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇردى». دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھەر قايسى تارماقلار مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ، ئانا تىلنى قوغداشنى كۈچەيتىشى، چەت ئەل تىلىنى زىيادە گەۋدىلەندۈرۈۋەتمەسلىكى كېرەك.

  مەسىلەن، مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئىنگلىز تىلى نومۇرىنىڭ سالمىقىنى تەڭشەپ، ئانا تىلنىڭ تېگىشلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىر قىسىم شەھەرلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بېيجىڭدا تىل-ئەدەبىيات، ئىنگلىز تىلىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 150 نومۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا 100 نومۇر؛ شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھەممىسىدە 150 نومۇر؛ شېنجېندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 150 نومۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا 100 نومۇر بولدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئومۇمىي نومۇرى ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا چەت ئەل تىلىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىدىن ئاز دېگەندە %20 ئۆستۈرۈلۈپ، ئانا تىلنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنىنى قوغداش تەكلىپى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ