مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 58-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2020.06.02 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا 58-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر خىزمىتى پىلانىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، روشەن سىياسىيلىققا، نەزەرىيىۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن يېتەكچى ۋە مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇلاسىلىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەن تەلەپنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛ «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت» ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەۋپ ئىچىدىكى پۇرسەت، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ بۇ يىللىق پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ