شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس-ئالىملار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.06.03 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مۇتەخەسسىس- ئالىملار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ___ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدىكى زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىگنال بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى پۇختىلاپ، ئايرىش تېمىنى پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ھەقىقىي ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى نەپەس ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى جۇڭ نەنشەن، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ تۇڭ چاۋخۇي، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تيەنجىن جۇڭيى دورىگەرلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بولى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتى زەھەر-دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى سۇڭ، چىڭخۇا داشۆسى سۇ شىمىن بىلىم يۇرتىنىڭ باشلىقى، ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شۆ لەن، جۇڭخۇا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ ياڭ ۋېيجۇڭ، چىڭخۇا داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، قانۇن مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېنگۇاڭ ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ زور يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پەن-تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى سەھىيە قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. ئۇلار سۆز قىلىش جەريانىدا شى جىنپىڭ ھەر بىر كىشى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، بەزى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي ياخشىلاپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشتەك قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە، كەڭ مۇتەخەسسىس-ئالىملار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش، قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقىل كۆرسىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى، H7N9 ، ئېبولا قاناش قىزىتمىسى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتتى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە سەھىيە- ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ