مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020.06.02 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەينەندە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى بىر زور ئىش. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ئەركىن، قولاي يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۈر پىشىپ يېتىلسە بىر تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەينەن ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سىياسەتلەرنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چوڭ ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، خەينەننىڭ دادىل ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى پۈتۈن خەينەن ئارىلى بويىچە بولىدۇ، 2025 - يىلىغا بارغاندا سودا ئەركىن، قولاي بولۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ئەركىن، قولاي بولۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئەركىن سودا پورتى سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ، 2035 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلىنىدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا بىرقەدەر كۈچلۈك خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا پورتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ