مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يېڭىدىن قوشۇلغان مالىيە مەبلىغى بىلەن كارخانىلار ۋە خەلقنى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمى بېكىتىلدى؛ بازارغا باب ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشنى قوللاپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2020.06.11 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭىدىن قوشۇلغان مالىيە مەبلىغى بىلەن كارخانىلار ۋە خەلقنى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمىنى بېكىتتى؛ بازارغا باب ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشىنى قوللاپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بۇ يىللىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، قىلچە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازارغا كاپالەتلىك قىلىش سۇبيېكتىنى شەھەر، ناھىيەگە تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ يىل دۆلەت يېڭىدىن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كېمەيتىلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كۆپ قىسمى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىشقا ئاشىدۇ، نۇرغۇن جايلارمۇ ئۆز ئالدىغا باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلەتتى، بۇ، كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئالدىرىغىنىنى ھەل قىلىشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىدۇ، لېكىن يەنە شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ مالىيە كۈچىگە ناھايىتى زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. يېڭىدىن قوشۇلغان مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت قەرزىنىڭ 2 تىرىليون يۈەن مەبلىغىنى بىۋاسىتە شەھەر، ناھىيەگە يەتكۈزۈشتە يەرلىكنىڭ يۇقۇم زەربىسى ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئالاقىدار چىقىم قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغىنى مەركەزنىڭ يەرلىككە قارىتىلغان يۆتكىمە چىقىمىنى كۆپەيتىش، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندىنى يۆتكىمە چىقىمغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىرىنچى ۋاقىتتا ھەممىسىنى شەھەر، ناھىيەلەرگە بېرىش كېرەك. مەركەز مالىيەسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «يولدىن ئۆتكەن بايلىق ئىلاھى» بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «قول شىلتىيدىغان خوجايىن» بولماي، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ مالىيە كۈچىنى تېخىمۇ بەك ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە يوچۇقىنى تولۇقلاپ، مەركەز بېكىتكەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شەھەرلىك، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەر ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ ئىشلىتىپ، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا، ھېساباتنى تەكشۈرگىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت خەزىنىسى مەبلەغنى نۇقتىدىن نۇقتىغا بىۋاسىتە ئاجرىتىپ بېرىش، ئەمەلىي ھېسابنىڭ ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى مەخسۇس ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى كېرەك. قىسىپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان، كۆز بويامچىلىق قىلغان، كۆز بوياپ ئېلىۋالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ