مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوبزور: ھەقىقىي ئەھۋال ئاق تاشلىق كىتابتا ۋە جۇڭگو زېمىنىدا يېزىلغان

2020.06.08 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئىنسانلار ئۇچرىغان تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان تارقىلىشچان كېسەل بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئېغىر كرىزىس ۋە كەسكىن سىناق بولدى. جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇپ، غايەت زور بەدەل تۆلىدى ۋە قۇربانلارنى بەردى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى ۋە خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ئېنىق ۋاقىت سىزىقى، تەپسىلاتلار ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. «جۇڭگو مەنبەسى نەزەرىيەسى» ۋە «جۇڭگو يوشۇرۇش نەزەرىيەسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئىيۇن «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر جۇڭگو ھەرىكىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو قانۇن بويىچە، ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تۇنجى بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتكە يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇقتۇردى، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرىنى ساقلاپ قالماي تەڭ بەھرىمەن بولدى. يۇقۇمنىڭ ھەرقايسى ئەل خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبىتىنى جۇڭگو تەڭ تارتتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قىلىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى قوللاپ كەلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپالىق مۇساپىسىنى ھەقىقىي خاتىرىلىگەن مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئۆزىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىش مەقسىتىدە، جۇڭگونىڭ رايون ۋە دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز قارا چاپلىدى. بەزى چەت ئەللىك سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلار ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدە «جىنايەت يۈكلەش لوگىكىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ۋىرۇس نامىغا دۆلەن نامىنى بەلگە قىلىپ چاپلاپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى ھەققىدە ئاتالمىش «مەنبەسى جۇڭگو نەزەرىيەسى»، «جۇڭگونىڭ يوشۇرۇشى نەزەرىيەسى»، «جۇڭگو مەسئۇلىيەتلىك نەزەرىيەسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى توقۇپ چىقىپ ۋە كۆپتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتاب بولسا، ئۇنىڭ ئېنىق ۋاقىت سىزىقى، تەپسىلاتى ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مەنبەسى جۇڭگو نەزەرىيەسى» ۋە «جۇڭگونىڭ يوشۇرۇشى نەزەرىيەسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى. يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىنسانلارغا پۈتۈنلەي ئېنىقسىز بولغان بۇ بىر خىل ۋىرۇس ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تاقابىل تۇرۇش مېخانىزىمىنى تېزدىن ئورناتتى، سەككىز كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پاتوگېننى بېكىتىپ، 16 كۈندە سىناق دورا قۇتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلدى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بولسا، تۇنجى بولۇپ ۋىرۇسقا قارشى جەڭ قىلغان دۆلەت، تۇنجى بولۇپ سىگنال بەرگەن دۆلەت ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنى تۇنجى بولۇپ كونترول قىلالىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسەتكەن ۋاقت سىزىقى شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، بەزى دۆلەتلەر يۇقۇم ئۇچۇرىدىن ناھايىتى ۋاقتىدا خەۋەردار بولدى. ئەمما، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى كونتروللۇقىنى يوقاتقاندەك قىلغان دۆلەتلەر بولسا، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت.

  جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاق تاشلىق كىتابتا يېزىقلىق. ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپالىق مۇساپىسى خاتىرلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا يۇقۇمنى يېڭىش ئىشەنچىسى ۋە كۈچى يەتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى چاغاننىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەردى، ئېنىقسىز بولغان ۋىرۇسنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ داۋالاش بايلىقىنى تېزدىن نەقلەشتۈرۈلۈشكە سەۋەبچى بولدى، نەتىجىدە، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدە خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدىن ئايرىلىش يوللىرى تاقالدى. 60 مىليون ئامما جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جىددىي ھەرىكەت قىلدى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك دەرھال دۆلەتلىك داۋالاش ئەترەتلىرىدىن جەمئىي 346 ئەترەت تەشكىللەپ، تېببىي خادىملاردىن 42 مىڭ 600 خادىمنى يۆتكەپ خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

  1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ جەڭچىسى بولدى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يېزىىلىق. ئاق تاشلىق كىتابتىكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئورتاق خاتىرىسى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئەر-ئايال، قېرى-ياش دەپ ئايرىلمىدى، مەيلى ئىش ئورنى ۋە ئىش تەقسىماتى قانداق بولسۇن، ھەممىسى ئاڭلىق ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە ۋۇخەن شەھىرى مەھەللىنى 24 سائەت يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، مەملىكەت بويىچە باشقا جايلار ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللە ۋە يېزىلاردا ئومۇميۈزلۈك يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇپ، خادىملارنى تەكشۈرۈپ تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ۋە سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش قاتارلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر دۆلەت ھېسسىياتى ۋە جاھان ھېسسىياتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى ئاق تاشلىق كىتابتا يېزىقلىق، بىپايان جۇڭگو زېمىنىغا يېزىقلىق. جۇڭگو ئەمدى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى ۋە بازارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قەتئىي قەدەم تاشلىدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، جۇڭگونىڭ شەھەر-يېزا بازارلىرى بارغانسېرى ئەسلىگە كەلدى، جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلەيدىغان ۋە جۇڭگوغا قەستەن قارا چاپلايدىغانلارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك يېرى يوق، ئۇلار چوقۇم غايىپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ