خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 38- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 8- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 3- يىغىنىنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى ۋە يىغىن مەزگىلىدە ئەزالارنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتەك ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېچىلدى. گەرچە يىغىن مەزگىلى قىسقارتىلغان، رىتىمى تېخىمۇ تېز بولغان، ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر بولغان، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بارلىق ئەزالار ۋە يىغىن خىزمەتچىلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشتى، يىغىن ئىستىلى ۋە يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى، ھەمدە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش بۇرچىنى نامايەن قىلدى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ