مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-فىلىپپىن ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.06.10 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئىيۇن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، جۇڭگو-فىلىپپىن ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇپ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىمىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇرلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى داۋاملىق كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قۇرۇشتا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كېلىپ، رايون مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەم ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. مەن جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ دۇتېرت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. جۇڭگو فىلىپپىننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، بىز فىلىپپىن بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قىيىن ئۆتكەلنى تەڭ يېڭىشنى خالايدۇ.

  دۇتېرت تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىن ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە يېقىن ھېسسىياتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 1975- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. نۆۋەتتە دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى داۋاملىق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى كۈندىن-كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە، شۇنىڭ ئۈچۈن فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. فىلىپپىن جۇڭگونى يېقىن قوشنىسى ۋە مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ