خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن جۇڭگو-بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ئەنئەنىۋى قېرىنداشلارچە دوستلۇقى بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، خۇددى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچىيىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۈرىشىدە بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان جۇڭگو-بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ روھىنى جانلىق نامايان قىلدى. بۇ يىل 1-ئايدا دۆلىتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەت زىيارەتتە بولدۇم، سىز بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ھالىتىدە تۇرماقتا. مەن جۇڭگو- بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى مىزان قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ