مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىستىراھەت ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىپ، بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە تۈرتكە بولۇش

نۇرغۇن جايلار «ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى يېرىم كۈن» دەم ئېلىشنى سىناق قىلدى

2020.06.04 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ___ «دەم ئېلىش ۋاقتى ئىككى يېرىم كۈن بولسا، ھەپتە ئاخىرىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ! سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ساقلىنىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ».

  ___ «خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتسا، كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتەمدۇ؟»

  يېقىندا، ھەر ھەپتىدە 2.5 كۈن دەم ئېلىش تۈزۈمى قىزغىن غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان خېبېي، جېجياڭ، جياڭشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلار خادىملارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىش ھەمدە بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىراھەت ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىش، ئىچكى ئېھتىياجنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرىدىكى «2.5 كۈنلۈك دەم ئېلىش تۈزۈمى»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى. بۇ سىياسەتنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى قانداق؟ يەنە قانداق جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ كەلگۈسىدە يەنە قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك؟

  ئېلاستىكىلىقى تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، ئىستىراھەت پىلانىدىكى تاللاش كۆپەيدى

  خۇبېي شياڭياڭ داشۆسى 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى شياڭياڭ بۇ تۈزۈمگە ناھايىتى ئىنتىزار ئىدى، ئۇ: «ئەگەر بۇ تۈزۈم ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلسا، ئىنتايىن قوللايمەن. تولۇق كۇرس مەزگىلىدە مەن بەش كۈن ئوقۇش، ئىككى كۈن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە كۆنۈپ قالدىم. ئەگەر خىزمەت ۋاقتىدا بىر ھەپتىدە ئىككى يېرىم كۈن دەم ئالغىلى بولسا، مەن مۇشۇ مەزگىلدە يېڭى ماھارەت ئۆگىنىپ، دەسلەپكى خىزمەتكە كىرىشىشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، تېز سۈرئەتتە جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرەلەيمەن»، دېدى.

  ۋاڭ شىن: «بۇ سىياسەت ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، يولدىشىمنىڭ ئائىلىدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتى كۆپەيدى، بولۇپمۇ بالىنى بالدۇرراق ئېلىپ ئۆيگە قايتالايدىغان بولدى»، دېدى. ئۇنىڭ يولدىشى ئىچكى موڭغۇل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گۇرۇھىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ گۇرۇھ ھەپتە ئاخىرىدا «2.5 كۈنلۈك ئېلاستىك مەشغۇلات تۈزۈمى»نى ئىجرا قىلدى، دۈشەنبىدىن پەيشەنبە كۈنىگىچە ھەر كۈنى يېرىم سائەت خىزمەت ۋاقتى كۆپەيتىلدى. سىياسەت ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشكە قارىتا، ئائىلە ئايالى ۋاڭ شىن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ: «يېقىندا بىز جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىپ، شەھەر ئەتراپىغا قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە باردۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشال ئوينىدۇق»، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دېيىلىۋاتقان «2.5 كۈنلۈك دەم ئېلىش تۈزۈمى» − جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىلەن ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى قوشۇپ تەڭشەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. 2015- يىلى 8-ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە ئېلاستىك مەشغۇلات ۋە دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىش، شارائىتى بار جايلار ۋە ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ يازلىق مەشغۇلات، دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانۇن بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە ھەپتە ئاخىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئارام ئېلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىستېمال ئۇرغۇتۇلۇپ، ساياھەت بازىرى ئاكتىپ ئىنكاس قوزغىدى

  «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش تۈزۈمى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئانچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پارتلىشى ئەكسىچە بۇ تۈزۈمنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى». جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى شۆيۈەنى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ لىيۈن مۇنداق دېدى: بۇ ھالقىلىق نۇقتىدا نۇرغۇن جايلار «ئىككى يېرىم كۈنلۈك ھەپتە ئاخىرى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، شۇ مەزگىلدە ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان. ھەپتە ئاخىرىنى ئىقتىسادىي ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدىغان بۆسۈش نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق، ئائىلە بىرلىك قىلىنغان ئىستېمال ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمال چىقىمىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، 2020-يىلى 1-پەسىلدە، دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلغان ئادەم سانى %56 تۆۋەنلىگەن، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69 تۆۋەنلىگەن. «ھەپتە ئاخىرىدا 2.5 كۈن ئارام ئېلىش» ساياھەت كەسپىگە يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ