مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئىسپات ئېلىش بىكار قىلىنسىمۇ يوقىماسلىقنىڭ تۈگۈنى زادى قەيەردە؟

2020.06.09 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بەزى ئىسپاتلار نېمىشقا يەنە تەلەپ قىلىنىدۇ؟ خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-ماي، گەنسۇنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى چېن شۈ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ بويتاقلىق ئىسپاتى ئالغان، ئىسپاتقا «تۇرمۇش ئەھۋالى: توي قىلمىغان» دەپ يېزىلىپ، شۇ جايدىكى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ئىمزا قويغان. چېن شۈ: بۇ ئىسپاتنى بېجىرىش ئاسانغا چۈشمىدى، دېگەن.

  چېن شۈنىڭ: «ئەگەر خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بويتاقلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمىسە، مەھەللە كومىتېتىمۇ مېنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنداقتا مەن قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلالمامدىم؟» دېگەن سوئالى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ سۆز ئۇنىڭ باش قېتىنچلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىسپاتقا «تۇتقۇن» بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىلاجىسىزلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس، ئۇلار ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، باشقىلارغا يېلىنىپ ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ، بولمىسا ئىش بېجىرەلمەيدۇ.

  چېن شۈنى مىسالغا ئالساق، ئىسپات ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش يولى توسۇلۇپ قالسا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئاسانلا يوققا چىقىرىپلا قالماي، دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ياخشى سىياسەتلىرىمۇ بىكار بولىدۇ، بۇ مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالالايدۇ؟

  تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى، بويتاقلىق ئىسپاتىنى بېجىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. 2015-يىلى «خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ توي قىلغان (قىلمىغان) لىقنى تىزىملاش خاتىرىسى ئىسپاتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا: «تەيۋەنگە چېتىشلىق ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ قوشۇمچە ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرى توغرىسىدا داۋاملىق ئىسپات چىقارغاندىن سىرت، جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ھەر قانداق تارماق ۋە شەخسكە توي قىلغان (قىلمىغان) لىقنى تىزىملاش خاتىرىسى ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمەيدۇ»، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۈگۈنگە قەدەر، نېمە ئۈچۈن يەنە ئاپپاراتلار ئاممىدىن توي قىلىش ئەھۋالى ئىسپاتى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟

  يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئىسپاتى، جىنايەت خاتىرىسى يوقلۇق ئىسپاتى، تويلىشىش ئەھۋالى ئىسپاتى، ئۆلۈم ئىسپاتى، توي- تۇغۇت ئەھۋالى قاتارلىق ئىسپاتلارنى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى چىقارماسلىق تەلەپ قىلىندى. ئۇقتۇرۇشلار قايتا-قايتا تارقىتىلدى، قېرىشقاندەك بەزى ئاپپاراتلار يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەسىلە زادى نەدىن چىقتى؟

  رېئال ئىنكاسقا ئاساسەن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، بەزى ئىسپاتلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلسىمۇ، يەنىلا يوقىتىلماسلىقىدا ئاساسلىقى ئىككى خىل ئەھۋال بار. بىر خىلى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئەھۋالنى بىلمەسلىكى، يەنى خىزمەت ئادىتىنى ئاساس قىلىپ، تەبىئىي ھالدا ئىش بېجىرگۈچىلەردىن ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلىش. يەنە بىرى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، ئالاقىدارلارنىڭ تويلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرەلمەسلىك، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېسىمنى يۆتكەپ، ئالاقىدارلاردىن ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلىش. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۈنۈملۈك ئالاقىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خۇددى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېگىنىدەك، ئىسپات ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنە بېجىرىش تەلەپ قىلىنىش ھادىسىسى كۆپ ھاللاردا تارماقلار ئارا سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش جايىدا بولماسلىق، مۇلازىمەت ئىشلىرى ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قارىتا، ئوخشاش بولمىغان «رېتسېپ»نى قوللىنىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر يالغۇز ئارىلى ھادىسىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىر تۇتاش دۆلەت ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات بايلىقىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن. لېكىن، بەزى جايلار ۋە تارماقلار ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، ئۇچۇر يالغۇز ئارىلى ۋە سانلىق مەلۇمات تۇرخۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ تۈرلۈك ئىسپاتلارنىڭ بىكار قىلىنسىمۇ يوقىماسلىقىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب.

  سانلىق مەلۇمات دەۋرىدە، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قىيىن مەسىلە ئەمەس. «ئۇخلاپ ياتقان» سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى تېزدىن ئويغىتىپ، سانلىق مەلۇمات پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىشتە ئىشنى كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك. ئەمەلىيەتتە مۇتەخەسسىسلەرمۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى تۈرلەپ بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تارقاق سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشىنى بۇرۇنلا تەۋسىيە قىلغان، لېكىن بەزى تارماقلاردا تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ كەلدى.

  ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن باشقا، يەنە ئالاقىدار تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇلار ئاغزىنى مىدىرلاتسىلا، پۇقرالار ھەر تەرەپكە قاترىشى كېرەك، بەزى ئىسپاتلارنى چىقىرىش زۆرۈر بولغان تەقدىردىمۇ، پۇقرالارغا قولايلىق يارىتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار سىياسەت تەدبىرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسىنى ئېنىق تىزىپ چىقىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتتە بوشلۇق كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش، خىزمەت ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، ئاممىنى ئاز يول ماڭغۇزۇش كېرەك، بۇنى ئېغىزدىلا دەپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئىسپات بېجىرىش ئىشى ئىزچىل خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ، بېشىنى ئاغرىتتى، ھەتتا غەزەپلەندۈردى. ئەگەر ئالاقىدار تارماقلار پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ھەقىقىي كۆڭلىگە پۈكسە، ئىشلار بۇ دەرىجىگە بېرىپ قالارمىدى؟ ئەگەر ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، پوزىتسىيەسى چىرايلىق، گەپلىرى يېقىملىق بولسا، ئىشنى ئاسانراق بېجىرسە، ئىشلار بۇنداق بولۇپ كېتەرمىدى؟ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قائىدە بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  «ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋەدە قىلىنغان ئىشلارنى ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش»تە ئالاقىدار تارماقلار بىلىملىك زاتلارنىڭ تەكلىپىنى كۆپرەك ئاڭلاش، پۇقرالارنىڭ ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاش كېرەك. تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىسپاتلار بىكار قىلىنسىمۇ يوقىماسلىق «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، مەسىلىنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش لازىم، ئىسپاتلار بىكار قىلىنسىمۇ يوقىماسلىق ھادىسىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تاقەت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ