مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.06.04 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇن كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ بىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىم تېلېفونلىشىشىمىز بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا يۈكسەك ئىشىنىشى ۋە قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ ئەقلىي مەيداندا چىڭ تۇرۇش ۋە ئىلىم-پەننى ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى ئورتاق قوللاپ، ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردا خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشىنى ئورتاق قوللاپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرگىنى يوق. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىمىز، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىگە داۋاملىق ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى خالايمىز. يېقىندا جۇڭگو-گېرمانىيە «قولايلىق يولى» رەسمىي ئېچىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتتىكى ئېھتىياجى بار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ھالىتىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇقىم، ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە بىلەن سۆھبەت- ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئېنىقسىز دۇنيا ئۈچۈن ئېنىقلىقنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قاتار مۇھىم سىياسىي ئالاقە قارالمىلىرى ئۈستىدە كېڭەشمەكتە، جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە، ياۋروپا بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ