مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ كۆپ بازارلاشقان چارە قوللىنىپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك

سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2020.06.04 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 6-ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ بەختىگە، بايلىق يارىتىشىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىمنىڭ مۇھىمىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشتۇرۇش چارىسى قوللىنىپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىشى كېرەك. «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»نى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سۇپا ھازىرلىشى كېرەك. كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئېغىر رايونلار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرگە مايىللاشقان ياردەم بېرىش-يۆلەشنى زورايتىپ، ۋاقتىنچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئۈزلۈكسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بارچە ئامال بىلەن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ