مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرى ئەگەر قانۇن بىلەن ئوينىشىپ بېقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلار چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ

2020.06.03 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ناۋادا دۇنيادا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى بەك ئەيمەندۈرىدىغان قانۇن مەۋجۇت دېيىلسە، ئۇ قانۇن دەل چوڭ قۇرۇقلۇقتا 15 يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دۇر. بۇ قانۇن 15 يىل ئىلگىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ خۇددى بوينىغا سېلىنغان ئارغامچىغا ئوخشاش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى. 29- چېسلا، چوڭ قۇرۇقلۇقتا «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، شۇ ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە باش كۆتۈرۈپ چىققان «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرگە مۇنداق ئېنىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كۆزدە تۇتۇلدى: ئەگەر كىمدەكىم قانۇن بىلەن ئوينىشىپ بېقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلار چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ !

  نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرىنىڭ بوينىغا سېلىنغان ئۇ ئارغامچىنى تارتىپ چىڭىتىپ تۇرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر، ھازىر ھەم دەل ۋاقتىدۇر. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بېرى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92- يىل ئورتاق تونۇشى»نى ئېتىراپ قىلماي، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئارالدا ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان زاتلارغا ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۈچلەرگە زەربە بەردى، يەنە شياڭگاڭدىكى ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا داغ تەككۈزدى، چوڭ قۇرۇقلۇققا قارا چاپلاپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلدى؛ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئارالدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەر سىياسىي جەھەتتە خالىغانچە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى تېزلەتتى، «يۇقۇملۇق كېسەلدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇش»نى كۆزلىدى.

  ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قىلمىشلىرى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىش كېرەك .

  ئۆزىنى يوقىتىپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان ئۇ بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارىتا، ئۇلارنىڭ ئەينى يىللاردا قىلالمىغان ئىشلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەسكەرتىپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇلار مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىرلەر ئىشلەتسۇن، ئۇلار چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن قانداق تىل بىرىكتۈرۈپ ئويۇن ئوينىسا ئوينىسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئاۋارە بولۇشىدۇر، خالاس، ئۇ ئويۇنلار تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىم تارىخى ۋە قانۇن نەزەرىيەسى پاكىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. تەيۋەننىڭ ئىستىقبالىنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بەلگىلەيدۇ. «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغان 15 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى تارمار قىلىش، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەگەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان ئۇ بۆلگۈنچى كۈچلەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، ھەتتا خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلسا، بىز «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دۆلەت قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  شۇنى ھەم كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىزنىڭ ئىشنى ھەل قىلىشتا غەيرى-تىنچلىق يولىنى قوللىنىشىمىز ھەرگىزمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلىمىزغا قارىتا ئەمەس، بەلكى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارىتىلىدۇ، ھەمدە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلىدۇ. ئەمما دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بولسا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بوينىغا سېلىنغان ئارغامچا بولۇپ، ئۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى بىخەتەرلىك قۇلۇپى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» خىيالى باشتىن-ئاخىر ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ، ئۇ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىتتۇر. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەرغىباتىغا قارشى تۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» بولسا، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. بىزدە تىنچلىقنىڭ قىممىتى ۋە قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى قەدىرلەش، مىللەتكە ۋە كېيىنكىلەرگە مەسئۇل بۇلۇشتەك چوڭقۇر مۇھەببەت بولغاچقا، گەرچە بىزنىڭ تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلىرىمىز زور بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋەتەن چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا بىرلىككە كېلىشى كېرەك. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي تىرىشىپ، مىللىي ئادالەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالغاندىلا، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ