مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىدارە قىلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.06.04 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ خۇنەننىڭ چاڭشا، يۆياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇنەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىدارە قىلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت گۇرۇھى ۋە سەنيى گۇرۇھىغا بېرىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى سوراپ، چوڭ تىپتىكى قالقان قۇرۇلمىلىق ماشىنا، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جابدۇق ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاقىل جابدۇق تەتقىق قىلىپ ياساش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. خەن جېڭ لەنسى پەن-تېخنىكىسى، خۇاشۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىنجىنباۋ فوتوئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىدە كارخانىلارنىڭ سەرخىل ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىچىلار ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، نەپس، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ يەر شارى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەن جېڭ گۇاڭچى فىئات كرىيسلېر ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ۋە چاڭشا دەيكا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتوموبىل كەسپى شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئۆز ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ زورايتىشى، ماركىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ