مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 59- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىنى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2020.06.10 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 9- چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 59- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى ھەقىقىي يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ئۆگىنىلدى. يىغىندا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19- يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چوڭقۇر پىكىر ئىپادىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى يەنىمۇ موللاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى كۈچلۈك ئىدىيىۋىلىككە، نەزەرىيىۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۈپ سەۋەبى، شۇنداقلا ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى، ئۇ شۇنداقلا قانۇننى ئىلمىي ۋە دېموكراتىك ھالدا چىقىرىش ۋە قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەت ئورنى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى مەزگىلدە بەش تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك: بىرىنچىسى، ئالاقىدار ھەق تەلەپ قانۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار خىزمەت لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئىككىنچىسى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يانداش نىزام ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئۈچىنچىسى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ تۆتىنچىسى، ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈملىرىگە بولغان نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش؛ بەشىنچىسى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش.

  يىغىندا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىنى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ