مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ

2020.06.10 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى يۇقىرى ساپالىق جياڭسۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى بەرپا قىلىش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قەيەرگە بولسا، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىستېمىلىق ھالدا ئىدىيە جەھەتتە كۆزىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئويلاپ، روھىي جەھەتتە ساپلاشتۇرۇپ، ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى چىڭىتىش، پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، سىياسىي خۇسۇسىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ساقچى قۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي تەلەپنى سىياسىي جەھەتتىن ساقچى قۇرۇش پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، سىياسىي ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتەك ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، قانۇننى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، قانۇننى پاك ئىجرا قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر دېلونى بېجىرىش، ھەر بىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  سىياسىي يۈكسەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەنلىك، سىياسىي يۈكسەكلىكنىڭ ئىدىيە كوردىناتى، ھەرىكەت كوردىناتى ۋە ئىنتىزام كوردىناتىنى توغرا تېپىپ، ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر.

  سىياسىي قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پاك سىياسىي مەۋقە تۇرغۇزۇش، ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ سىياسىي قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ چۆچۈتۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قول ئۈزمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە بولمايدىغان قىلىش توسمىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشنى تىپىك دېلولاردىن باشلاپ، باشقۇرۇش يوچۇقى بولۇش، تۈزۈم يوچۇقى بولۇش ۋە مەسئۇلىيەت كەمچىل بولۇشتەك مەسىلىلەرنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق تۈزۈمنىڭ چەكلەش كۈچى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پۈتۈن ساقچىلارنىڭ دېلونى ئۆرنەك قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى دائىم چېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈزۈم بولسا، يىراق مەنزىلنى ۋە ئاساسنى باشقۇرىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، نازارەتچىلىك تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. پارتكومنىڭ نازارەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم نازارەتچىلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، قوشۇننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ «پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ۋەزىپە تىزىملىكىنى سېلىشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزۈم نازارەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق ھەرقايسى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىش كېرەك. ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش تارماقلىرى ئارىسىدا مەسئۇلىيەت بويىچە قاتتىق ئايرىپ، مۇناسىپ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىغا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. مەسىلە يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، كۈندىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىغا قارىتا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەلۇم قىلىشى قوبۇل قىلىنماي قايتۇرۇلغان، چالا مەلۇم قىلغان ۋە يوشۇرۇپ مەلۇم قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش تارماقلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ