مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن ئىرادە ۋە ئىشەنچنى ئوقۇپ چۈشىنىش

2020.06.10 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  6-ئاينىڭ 8-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيانىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرى لىتۇڭ رايونى جىنخۇايۈەن مەھەللىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ مەھەللىدە 13 مىڭدىن ئارتۇق دائىملىق ئاھالە بار، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى. مەھەللە مەيدانىدا، شى جىنپىڭ ئاھالىلەر بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇشتا بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ».

  ئاشكارا خەۋەردە، باش شۇجى بىلەن نىڭشيانىڭ ھېكايىسىنى 1997-يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى 4- ئايدا، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇنداقلا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياغا نىشانلىق ياردەم بېرىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم نىڭشياغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بۇ زېمىنغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، 2008- يىلى ۋە 2016-يىلى، ئۇ يەنە ئىككى قېتىم نىڭشياغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ يەنە نىڭشياغا بېرىپ، شۇ جايدىكى يېزا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى باش شۇجىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەت نامرات ئاممىسىنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى كۆپ قېتىم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يۇرتداشلار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رېتسىپلىرىنى يېزىپ چىقتى: شياڭشى شىبادۇڭ كەنتىدە، ئۇ تۇنجى قېتىم «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ دالياڭشەن تېغىنىڭ كىندىكىدە، ئۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي ئىشلەشنى تاپىلىدى؛ يۈننەننىڭ سەنجيا كەنتى جۇڭجەيسى مولاۋا مىللىتى كەنتىدە، ئۇ: يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ قايتا-قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

  ئىتتىپاقلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تەرەققىيات ئىتتىپاقلىقنى بەرپا قىلىدۇ. ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە بىرلىكتە قەدەم قويۇش − جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ توختىماي ئىلگىرىلىدى.

  مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئورتاق كۈرەش قىلىشى مۇقەررەر ھالدا ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ. خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بوشاشماي كۈرەش قىلسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەر چوقۇم تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ». جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ