شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، داۋاملىق ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلق باياشات گۈزەل نىڭشيا قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020.06.11 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، داۋاملىق ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلق باياشات گۈزەل نىڭشيا قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا، شىمالدىكى بوستانلىقتا ئاسمان سۈزۈلۈپ، بۇلۇتلار ئاندا-ساندا لەيلەپ، ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەنىدى. 6- ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن رۇنئېر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى شيەن خۇينىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن ۋۇجۇڭ، يىنچۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يېزا، مەھەللە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ۋۇجۇڭ شەھىرى خۇڭسىپۇ رايونى خۇڭسىپۇ بازىرى خۇڭدې كەنتى ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەر كەنتى بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1036 نامرات ئائىلىلىك 4497 كىشى بار، ھازىر يەنە 20 ئائىلىلىك 50 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى. 6-ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدىن بىلەن خۇڭدې كەنتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ ھويلىسىدا، ئۇ نىڭشيا ۋە خۇڭدې كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىرىپ، شى جىنپىڭ ئىسمېنا قوشۇپ قەغەز يېشىك ياساۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. يۇرتداشلار باش شۇجىغا كەنتنىڭ كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، قەغەز يەشىك ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 100 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشتىكى مەقسەت نامراتلارنى يۆلەشتۇر، نامراتلارنى يۆلەش خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يۇرتداشلار ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، كىرىمى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ياتاق، تاماق، قاتناش قاتارلىق خىراجەتلىرى تېجىلىپ قالىدۇ، يەنە ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقالايدۇ. كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشقا قاتنىشىشى ئاۋۋال بېيىغانلارنىڭ كېيىنكىلەرنى يېتەكلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كەنتنىڭ قىياپىتىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى. خۇيزۇ كەنت ئاھالىسى ليۇ كېرۇينىڭ ئۆيىدە، ئۇ ھويلا، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، كالا قوتىنىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈپ، ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، كېسەل كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ليۇ كېرۇي باش شۇجىغا ئۆيىدىكى يەرنى ئوبوروت قىلىۋېتىپ، ئۈچ بورداق كالا باققانلىقى، ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلىقى، 2017-يىلى پۈتۈن ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقى، يۇرتداشلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن بىلىپ، ھەممىدىن كومپارتىيەنىڭ يېقىنلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ليۇ كېرۇي ئەر-خوتۇننىڭ يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق پىلانى بارلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇرتداشلار كۆچكەندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ. يۇرتداشلارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كەنتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە كەنت ئېغىزىغا كېلىپ، باش شۇجىنى خۇشال ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ