مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.06.12 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردى. جۇڭگو بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بېلارۇسىيە بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىسى ۋە داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق تولۇق ھەمبەھىرلەشنى خالايدۇ. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، بېلارۇسىيە خەلقىنىڭ يۇقۇمنى تېزدىن يېڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ بېلارۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان، ياشاۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە داۋاملىق ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە- ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو-بىلارۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشمەكتە، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قىلچە ئىككىلەنمەي بىر- بىرىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق پۈتۈن ھالەتلىك ھەمراھلاردۇر. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن جۇڭگو- بىلارۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى تەرەپ خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ