مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپاتلارنى يەنە تەلەپ قىلىش − ھورۇنلۇق، سۆرەلمىلىكنىڭ ئىپادىسى

2020.06.12 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئاممىدىن كەلگەن خەت-چەكلەردە ئىسپات ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بەزى ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپات ئىشلىرىنى ئېنىق بەلگىلىگەن بولسىمۇ، كونكرېت ئىش بېجىرگەندە بۇ ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش يەنىلا تەلەپ قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە نۇرغۇن قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

  تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئىسپاتى، جىنايەت خاتىرىسى يوقلۇق ئىسپاتى، تويلىشىش ئەھۋالى ئىسپاتى، ئۆلۈم ئىسپاتى، توي-تۇغۇت ئەھۋالى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسپاتلار ئاللىقاچان ئېنىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەمدى بېجىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق بەزى تارماقلار كونكرېت ئىش بېجىرىش جەريانىدا يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، پۇقرالارنى ئۇياق-بۇياققا قاترىتىپ، ئىسپات بېجىرىشنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ، ئادەمنى تەتۈر قىيناشتىن باشقا ئىش ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىنى تارماقلار ئارا جىپسىلاشتۇرۇش جايىدا بولماسلىق، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارايدۇ. بۇنداق دېيىشنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ئەمەس ھەم مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئەمەستەك قىلىدۇ.

  ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ھەرگىزمۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، پۇقرالاردىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇش، ھەش- پەش دېگۈچە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش − تىرىشىش يۆنىلىشى، لېكىن بۇ مۇكەممەل سىستېما تولۇق ئورنىتىلىشتىن بۇرۇن، ئۇچۇرنىڭ ئۇلىنىشى كۆپىنچە ھاللاردا تارماقلار ئارا پىكىرلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تايىنىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ساقچىخانا، مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاۋارىچىلىقنى ئاممىغا تاشلاپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  ئۇچۇر توسۇقىنى راۋانلاشتۇرۇش بىر تېخنىكىلىق مەسىلە، لېكىن ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش سىياسىتىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بولسا بىر ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىسىدۇر ___ ئالاقىدار ئىسپاتلارنى بىكار قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتىمۇ-يوق؟ تۈزۈمگە بولغان ئەقەللىي ھېيىقىش بارمۇ- يوق؟ ئەڭ ئاساسىي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى بارمۇ-يوق؟ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت نامى بىلەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ تەدبىرلەر بولۇپ، ماھىيەتتە ھۆكۈمەت ھەرىكىتى، ئاممىۋى سىياسەتتۇر. كونكرېت ئىش بېجىرىش جەريانىدا، بۇ سىياسەتلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئۇلىنىشىغا، بۇيرۇقنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىغا، دېگىنىنى قىلىشقا، گېپى ھېساب بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ لەۋزىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر بەزى ئىسپات بېرىش ئىشلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە پۇقرالاردىن ئىسپات بېجىرىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئۆز گېپىدىن يېنىۋېلىپ، ئاممىۋى ئىناۋەتكە زىيان يەتكۈزگەنلىك بولمامدۇ؟

  ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى بىر خىل قىممەتلىك ئىجتىمائىي مۈلۈك. ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ياخشى ھالەتتە بولسا، بۇ پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزى ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، باشقۇرۇش تەننەرخى شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمى شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەكسىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىناۋىتى توختىماي زىيانغا ئۇچرىسا، ھەتتا يوقالسا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەيلى راست گەپ قىلسۇن ياكى يالغان گەپ قىلسۇن، ھەممىسى يالغان گەپ دەپ قارىلىدۇ؛ مەيلى ئۇ ياخشى ئىش قىلسۇن ياكى يامان ئىش قىلسۇن، ھەممىسى يامان ئىش دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان «تاسىتۇس قىلتىقى»دۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەيلى نېمىنى كۆزدە تۇتۇشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانداق سەۋەب بولسۇن «بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق»، «گېپىدىن يېنىۋېلىش» قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپاتنى يەنە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىش قارىماققا پەقەتلا تارماقلار ئارا ئۇچۇر توسۇقى تۇتاشتۇرۇلماسلىقتەك تېخنىكا مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغان ھورۇنلۇق، سۆرەلمىلىك مەسىلىسى، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن ئاساسىي مەقسەت مەسىلىسىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ چارىسى دەل مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق بەزى كىشىلەرنى قائىدىدىن ھېيىقىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش بولۇپ، ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش تەپەككۇرىنى خەلقنى مەركەز قىلغان مۇلازىمەت تەپەككۇرىغا ئۆزگەرتىپ، مۇرەككەپلىكنى ئاددىيلاشتۇرۇش، خەلققە جاپا سېلىشتىن ساقلىنىش داۋامىدا خەلققە ھۆرمەت قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ