خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېنكۇرۇنزىزانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇندىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ئېندايىشىمىيېگە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگرامما ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن زۇڭتۇڭ ئېنكۇرۇنزىزانىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە زۇڭتۇڭ ئېنكۇرۇنزىزانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بۇرۇندى خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئېنكۇرۇنزىزا بۇرۇندىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى، ئۇ بۇرۇندى خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇرۇندى خەلقىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. زۇڭتۇڭ ئېنكۇرۇنزىزا ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن بۇرۇندىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن بۇرۇندىنىڭ «پۈتۈن ھاۋا رايىلىق» ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپاتى بۇرۇندى خەلقى ئۈچۈن ئېغىر ۋە زور يوقىتىش بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا جۇڭگو-بۇرۇندى دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئېغىر ۋە زور يوقىتىشتۇر. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-بۇرۇندى ئىككى دۆلەتنىڭ «پۈتۈن ھاۋا رايىلىق» دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، ھەمدە داۋاملىق تۈردە بۇرۇندى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ