مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئىككى قېتىملىق ھادىسە كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر

2020.06.16 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق بىخەتەرلىك ھادىسىسى كىشىلەرنى قايغۇلۇق كەيپىياتقا سالدى. بىرى بولسا، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى شەنشى يانغىن كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈر قېزىش ئورنىدا كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلدى. يەنە بىرى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى G15 شېنياڭ-خەيكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (ۋېنلىڭ داشى بۆلىكى)دە باكلىق ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە 20 ئادەم قازا قىلدى.

  بىرى يەر ئاستىدا، بىرى يەر ئۈستىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەممىسى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ھەر بىر ھاياتنىڭ بىگۇناھ يوقۇلۇپ كېتىشى ئائىلىلەرگە چەكسىز ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنى بۇ ھەقتە چەكسىز ئويلىنىشلارغا سالىدۇ. بولۇپمۇ تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان بەزى تەپسىلاتلار كىشىنى تېخىمۇ قاتتىق ئازابلىدى.

  "گۈمبۈر قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئائىلە يوق بولدى." ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بايانىدىن قارىغاندا، ئۇ باكلىق ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاش دەرىجىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يوقالغان ھاياتلار ئادەمنى پەرىشان ۋە ئازابقا سالدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىككى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى جاپادىن قورقماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن نەق مەيدانغا ئاتلىنىپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچمىدى. ئەڭ قەتئىي ۋە ئەڭ مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تالاپەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. بۇ ھاياتلىققا مەسئۇل بولغانلىقتۇر. بىز ئۇ جەڭچىلەرگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

  مەيلى كۆمۈر چىقىپ كېتىش ھادىسىسى ياكى گاز چىقىپ كېتىش ھادىسىسى بولسۇن، ۋە ياكى باكلىق ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرىۋاتىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىلا، ئاندىن مەسئۇل ئادەمنى تاپقىلى بولىدۇ، ئاندىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقللىنالايدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىلا، ئاندىن قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىگە ئاىت قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، ئەمدى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش مۇھىم ھالقا بولۇپ قالدى.

  باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ھادىسىسىدىكى ۋەقەگە چېتىشلىق ئاپتوموبىل، ۋېنجۇ شەھىرى رۈيئەن شەھىرى رۈيياڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، سودا-سانائەت تىزىملاش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت بەلگىلەنگەن دەۋر ۋە قېتىم سانى بويىچە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەكشۈرمىگەن ۋە تېخنىكا دەرىجىسىنى باھالىمىغان قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭغا 11 قېتىم مەمۇرىي جازا بېرىلگەن. نۆۋەتتىكى چەكلىك ئۇچۇرغا ئاساسەن، ھادىسىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەكۈنىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. لېكىن، قائىدىگە رىئايە قىلمايدىغان بۇنداق شىركەتكە ھۆكۈم قىلىش تەس ئەمەس، ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرگە ھۆرمەت قىلىش كەمچىل بولسا، ھامان بىر كۈنى چاتاق چىقىدۇ.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا كىچىك ئىش يوق، ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئازراقمۇ بىخۇدلۇق قىلىشقا ۋە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش خەۋپ-خەتەرگە تولغان بولۇپ، نۇقسانسىز بولۇشقا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، پەقەت تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن خەۋپ-خەتەرنى ئازايتىپ، ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى ئۈزىۋەتكىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كارخانا بولسۇن ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بولسۇن، چوقۇم تارىنى چىڭىتىش كېرەك، خۇددى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ تەلىپىدە دېيىلگىنىدەك، ھەر قايسى تەرەپلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خەتەرلىك ماللارنى توشۇشنىڭ پۈتۈن ھالقىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

  4- ئاينىڭ بېشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋاملاشماقتا. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۈرگە ئايرىش ۋە تۈرى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەم شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. بىر تەرەپتىن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، بىر قەدەر چوڭ ھادىسە، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەردە «ئۈچنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى؛ ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشتا ھەر كىم ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ، يوشۇرۇن خەۋپ يەنىلا ناھايىتى كۆپ، سەل قارىغان ھامان چوڭ ئىش يۈز بېرىدۇ-دە، بۇنىڭغا بەدەل تۆلەيدىغان ئىش بولىدۇ.

  ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك. بۇ ئىككى ۋەقە ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلارغا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى ھەرگىز ئېغىزدا دەپلا قويغانغا بولمايدۇ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى پەقەت شۇئار قىلىپ تامغىلا ئېسىپ قويماسلىق كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈپتىن تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  ھاياتلىق بەدىلىگە كەلگەن ساۋاقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ