مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش» ۋەقەسىدىكى مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش لازىم

2020.06.16 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا شەندۇڭنىڭ گۈەنشيەن ناھىيەسىدىكى چېن خانىم چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا، گۇۋاھنامە تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ 16 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ نامىدا شەندۇڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدە ئوقۇغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ۋەقە دەرھال جەمئىيەتتە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. 6- ئاينىڭ 10-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، گۇەنشيەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

  گۇەنشيەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارمۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ناھىيەلىك مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە پاش قىلغۇچى بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرۇدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چېن فامىلىلىك مەلۇم كوچا باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، ئۇ ھازىر خىزمەتتىن توختىتىلدى، تەپسىلىي ئۇچۇرلار يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن قانۇن، ئىنتىزام، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاخىرقى نەتىجىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

  ناھايىتى ئېنىقكى، چېن فامىلىلىكنىڭ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش قىلمىشى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى دەپسەندە قىلىش ۋە بۇزۇش ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، باشقىلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىۋالغۇچىنى ئەيىبلەشتىن باشقا، بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنىنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئادەتتىكى ساۋاتلارغا ئاساسەن بىلىشكە بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغاندا، باشقىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپى ئۇچۇرى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىغا ئېرىشىشى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئارخىپىنى ئېلىپ، ئالىي مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك، ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ نامىنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم قىلالايدىغان ئىش ئەمەس، بۇ ئىشقا چېتىلىدىغانلار يەنە چېن خانىم ئەينى چاغدا ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، نوپۇس باشقۇرۇش تارمىقى، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇقەررەر. ھازىر باشقىلارنىڭ نامىنى ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى ھەمدە خىزمەتتىن توختىتىلدى، لېكىن باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، قايسى ئاپپارات، تارماق، قايسى كىشىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بارلىق ھالقىلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم.

  ئەمەلىيەتتە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىزدىگەندە، باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتەك بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن، ئۇ چاغلاردا ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرلىرى تېخى تورلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى تور ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بىلەلەيتتى. ئەينى چاغدىكى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپكە ئەۋەتىلەتتى، ئەگەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىلار توسۇۋالسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى پىششىق بىلمەيدىغان ياكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ۋە ئۆزى ئىمتىھان بەرگەن مەكتەپلەرنى ئىزدەپ تەكشۈرمىسە، ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئىزچىل بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال باشقىلارنىڭ نامىدىن پايدىلانغۇچىلارغا بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن.

  بۇمۇ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى تورلاشتۇرۇش ۋە توردا قوبۇل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى. ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى ئومۇميۈزلۈك تورلاشقان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردىن قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلالايدىغان ئەھۋالدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋەقەلىرى ئەمدى ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋەقەلىرىنى ئۈزۈل- كېسىل تەكشۈرۈش − ئالاقىدارلارغا مەسئۇل بولۇپ، نامى ئىشلىتىلگۈچىگە جاۋاب بېرىش، شۇنداقلا ئادىل، قېلىپلاشقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەرتىپىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ