مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.06.17 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۈشكۈل پەيتىدە تۇرىۋاتقان مەزگىلدە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىدى. تاجىكىستاندا يۇقۇم پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگومۇ چامىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋىدىيو ئالاقىسى ئارقىلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى، جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تاجىكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-تاجىكىستان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ۋە خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو قېرىنداش تاجىكىستاننى داۋاملىق قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. مەن سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، تاجىكىستاننىڭ چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيەسىنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ