مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 127-نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ «بۇلۇتتا ئېچىلىش» مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

توردا ئۆتكۈزۈلگەن گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى لازىم

2020.06.16 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭدا 127-نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ «بۇلۇتتا ئېچىلىش» مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كارخانىلارنىڭ توردىكى كۆرگەزمە زالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، توردا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 26 مىڭغا يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، لى كېچياڭ 127-نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئارقىدىن لى كېچياڭ بىر نەچچە كارخانىنىڭ تور كۆرگەزمە زالىنى كۆزدىن كەچۈردى. گېلى ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆرگەزمە زالىدا كارخانا مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ: بۇ قېتىم گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى توردا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزگىچە قىياپەتتە نامايان بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن مەھسۇلاتنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ، بىز تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات بىلەن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك، دېدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنى توردا ئۆتكۈزۈش − ئالاھىدە مەزگىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولۇپ، خەلقئارا سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تىرىشىپ قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كارخانىلارنى بازار ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپىتى ئۆسكەن، ئىستېمالچىلار ئېتىراپ قىلغان مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. باشلامچى كارخانىلارنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىسىم كارتىسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  لېگې پەن-تېخنىكا شىركىتى نىڭبودىكى ئەقلىي ئىشخانا، ساغلام ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا. كارخانا مەسئۇلى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېكسپورتنىڭ تەتۈر ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. لى كېچياڭ ئۇلاردىن يەنە قانداق قىيىنچىلىقلار بارلىقىنى سورىدى. كارخانا چەت ئەلدىكى ئامبارلارنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق كۆرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، باشقا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئەھۋالى كەڭ تارقالغان ئارقا كۆرۈنۈشتە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش − ھەم كارخانىنىڭ ياشاش يولى، ھەم رىقابەت تەدبىرى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان چەت ئەلدىكى تېخىمۇ كۆپ ئامبار سۇپىسى قۇرۇش − چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورتاق ياشاش، ئورتاق گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ قوللاشنى جېكىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ