مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-لائوسنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدا

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېنياڭ بىلەن ئۆزئارا ھال سوراشتى

2020.06.16 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو-لائوسنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېنياڭغا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش باش شۇجىنىڭ قىزغىن، دوستانە خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەك خۇشال بولدۇم. جۇڭگونىڭ لائوسنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە پائال رول ئوينىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن لائوسنىڭ يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يۇقۇمنى كونترول قىلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو لائوس بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ئىشىنىمەنكى جۇڭگو-لائوس ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  مەن جۇڭگو-لائوس ئىككى پارتىيەسى، ئىككى دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بېنياڭ جۇڭگونىڭ لائوسنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەدەت بەرگەنلىكى توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىش خېتى يازغانىدى. بېنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوسنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى يولداش باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا بويسۇنۇپ، دەرھال يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى لائۇسقا ئەۋەتتى ھەم نۇرغۇن يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش دورىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، لائوسنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگونىڭ لائوسنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى لائوس-جۇڭگو ئىككى پارتىيەسى، ئىككى دۆلىتى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېقىن دوستلۇق ۋە قېرىنداشلاردەك ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، لائوس-جۇڭگو تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى روھىنى جانلىق شەرھلەپ، لائوسنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ