مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: "تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە خالايدىغانلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش" پوزىتسىيىسى بىلەن بېيجىڭنى بىرلىكتە قوغدايلى

2020.06.15 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقالغانلىقى ئاممىنىڭ نەزىرىنى تارتتى.

  14- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن 36سى، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيگەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى توپ تارقىتىش بازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بېيجىڭ شەھىرى نۆۋەتتە شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىنى قامال قىلىپ، بازارنى توختىتىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش تەدبىرىنى قوللاندى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق سورۇنلارنى قامال قىلىپ يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇپ، ھەمدە ئۇ جايدىكىلەرنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  يۇقۇمنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ، لېكىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نورماللاشقاندا، بولۇپمۇ يەر شارى بويىچە يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى تۈپتىن ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يۇقۇمنىڭ كىچىك كۆلەمدە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش تەس. ئەمما بۈگۈن قىسمەن يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشتا، بىز تېخىمۇ زور ئىقتىدارغا، تېخىمۇ مول تەجرىبىگە ۋە تېخىمۇ يېتەرلىك بولغان ئىشەنچكە ئىگە بولدۇق. بۇ قېتىم بېيجىڭ شەھىرىدە كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، تىزگىنلەش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى، قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ كەسكىن بولۇشى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ئەلۋەتتە ئىشەنچ بار دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بېيجىڭدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرى شىددەت بىلەن ئېشىپ، يەنە بىر قېتىم جەڭ سىگنالى بەردى. بېيجىڭدا 20 مىليوندىن ئارتۇق چوڭ كۆلەملىك نوپۇس بولۇشىدىن سىرت، شىنفادى بازىرىدىن قارىغاندا، بېيجىڭدا ئادەم كۆپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور ۋە خىرىس كۆپ بولغاچقا، بېيجىڭ نۆۋەتتە يەنە ئالاھىدە مەزگىلگە كىردى. ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈپ، تارقىلىش يوللىرىنى بالدۇر ئۈزۈپ تاشلاش، ھەمدە سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى يېتەرلىك بولۇش، يېقىندىن ئۇچراشقان دائىرىسى يېتەرلىك ھالدا توغرا بولۇش، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقتۇر. پەقەت ئەڭ زور ئىرادە ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ھەمدە يۇقۇش مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، بارلىق تارقىتىش زەنجىرىنى تېپىپ چىققاندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسقىلى بولىدۇ.

  "تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە خالايدىغانلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش" بېيجىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نىشانىدۇر. ھازىرغىچە، شىنفادى توپ سېتىش بازىرىدىكى خادىملار ۋە ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلدى ھەمدە ئۇلارغا تېببىي كۆزىتىش تەدبىرى قوللىنىلدى. 14- چېسلا چۈشتىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار تارماقلار يەنە بەزى يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن: 30- مايدىن بېرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنفادى بازىرىغا بارغانلار چوقۇم مەھەللە ياكى ئورۇنلارغا ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك، ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار ئاپپاراتلار ياكى مەھەللە ئورۇنلاشتۇرغان جايلارغا بېرىپ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ، سىرتقا چىقاسلىقى كېرەك؛ شەھەر بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان قىزىتما ئۆرلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى ۋە ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش،CT تەكشۈرۈشىنى قىلىش ۋە قان تەكشۈرۈشىنى قىلىش كېرەك؛ شىنفادى بازىرىغا بېرىپ باققان خادىملارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «120 مەخسۇس ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ بېرىش» قاتارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. بۇ كەسكىن تەدبىرلەر «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» تەلىپىنى نامايان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  بىز ئادەتتىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىشىمىز ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈشىمىز بولسا، بىزنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر بىر تەرەپتىن، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش ۋە باشقىلارغىمۇ مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يېقىندا شىنفادى بازىرىغا بارغان-بارمىغانلىقىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرتۈشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر بىر ئادەم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ماسكا تاقاپ، پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، پات-پات قولىنى يۇيۇپ، بىر يەرگە ئاز يىغىلىپ، بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ياخشى ئادەتنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاز ساندىكى جايلاردا بەزى بىمارلار ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەلىپىگە بويسۇنماسلىق، بارغان جايلىرىنىڭ يۈرۈش مۇساپىسىنى يوشۇرۇش دېگەندەك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولغان، بەزىلەر ھەتتا سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ھەممىلا يەرگە بېرىپ قاتىراپ يۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

  يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەريانىدا، بىزدە بىخۇدلۇق ئىدىيىسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى ۋە بوشىشىش پىسخىكىسى قىلچە بولماسلىقى كېرەك. ھەر بىر ئادەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقىدۇر، ئورتاق دۈشمەن ئالدىدا، پەقەت بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ