لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

جۇڭگو-گېرمانىيە ۋە جۇڭگو- ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى بىر-بىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇ ئارقىلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش ۋە كۆپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ

2020.06.12 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جۇڭگو-گېرمانىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى يۇقۇم سەۋەبىدىن توختاپ قالمىدى ھەم توختاپ قالمايدۇ، داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن تېلېفونلاشتى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا گېرمانىيە بىلەن سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشنى ساقلاپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە گېرمانىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، گېرمانىيە بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئورتاق قوغداپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قۇلايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ھازىر ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ ئېچىۋېتىلگەن بېرىش-كېلىش «يولى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، ھەمدە ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ